ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ناچار يېمەك – ئىچمەك ئادەتلىرى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

تېز تاماقخانا ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تور ، كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان كېچىلىك ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ، غەرىبچە، جۇڭگوچە ، مۇسۇلمانچە قاتارلىق ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى تاماقلاردىن بىرىككەن ، بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان تۈرلۈك يېمەك–ئىچمەكلەر يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى تۇرمۇش شارائىتىدا ، ساغلام، كۆڭۈلدىكىدەك بولغان يېمەك– ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش ھەقىقەتەن تەس . تۆۋەندە ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولغان 10 چوڭ يېمەك– ئىچمەك ئادىتىنى تونۇشتۇرىمىز ، ئەر دوستلارنىڭ ئېھتىيات قىلىشنى سورايمىز! 

1. سۇ يېتەرلىك بولماسلىق زىيانلىق سەۋەبى : مېڭىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى ، شۇنداقلا يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ بۆرەكنىڭ مېتابولىزىم ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدازېھنىنى يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈشكە توغرا كەلگەچكە ، ئاسانلا سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، بەدەندە سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، تەندىكى سۇ مىقدارى ئازىيىپ كەتكەچكە ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى ۋە يېپىشىشچانلىق دەرىجىسى چوڭىيىپ، ئوڭايلا قان نوكچىسى ھاسىل قىلىپ، مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى ، شۇنداقلا يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ يەنە بۆرەكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ساقلىنىش تەدبىرى : كۆپ سۇ ئىچىش ، تازىلىق ئۆيىگە كۆپ چىقىش ؛ بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جايى شۇكى ، ئايرىم ساندىكى چوڭ ئۈچەي ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ناچار دوستلار ئەڭ ياخشىسى ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچىپ ، بەدەندىكى سۇ ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 2. مېۋىنى تاماق ئورنىدا يېيىش زىيانلىق سەۋەبى : ئادەم بەدىنىدە ئاقسىل قاتارلىق مېنىرال ئېلېمىنتلارنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ، ئوزۇقلۇقتەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەتتا كېسەللىك كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئۇزۇن مەزگىل جىمجىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندا، ھەزىم قىلىشنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن ، قاندىكى ماي ئېشىپ كېتىپ ، قان تومۇرلىرى قېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا، ھەقىقەتەن مېۋە تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارقىلىق كېسەللىكنى ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق . بىراق، مېۋىنى تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ . چۇنكى ، مېۋە تەركىبىدە كۆپ خىل ۋېتامىن ۋە قەنت مىقدارى بولسىمۇ ، بىراق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىل ۋە مىكرو ئېلېمىنتلار كەمچىل. ساقلىنىش تەدبىرى : ئاۋۋال تورغا چىقىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق نەرسىنى يېيىش ، قانداق نەرسىنى يېمەسلىككە ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ .

 3. زىياپەت خام يېمەكلىكلەردىن ئايرىلالمايدۇ . زىيانلىق سەۋەبى : ھەر خىل پارازىت قۇرت كېسەللىكلىرىنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رەڭلىك بېلىق، فولاد، ئوكۇن، قارا بېلىق، خام بېلىق پارچىسى ، يىلان ، تاشپاقا ، راك قاتارلىق زىياپەتتە ئەڭ ئالدىن تاللىنىدىغان يېمەكلىكلەردە پارازىت قۇرت ۋە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ ساقلىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ، يەنە ئاشپەزلەرنىڭ تەم ۋە لەززەت قوغلىشىشىنى ئويلاپ ، پىشۇرغاندا يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ، يېمەكلىك شادلىقىغا چۆمگىنىڭىزدە ، كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىشكە باشلايدۇ . خام سەي ، شەربەت تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددىلار ئادەم بەدىنى بىلەن ئۇچراشقاندا ، ئاق قان شارچىسى نورمال ھالەتتە بولىدۇ، يەنە پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش تۈپەيلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تېزلىكتە ئەسلىگە قايتۇرىدۇ .

بۇ ياخشىلىق تەرەپلىرىنى ئويلىغاندا ، ئاشقازان–ئۈچىيىڭىزنى ياخشىراق تاۋلاڭ ، نېمىلا دېگەن بىلەن خام يېمەكلىكنى يېيىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدىسى بولىدۇ. (1) ھەر كۈنلىكى يېڭى كۆكتات شەربىتى ۋە مېۋە شەربىتىئىستېمال قىلىش؛ (2) يېڭى كۆكتاتلاردىن خام سەي ياساپ ، ئاچچىقسۇ ۋە تۇزنى مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇش؛ (3) ئادەم پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ تۇرىدۇ ، ئاۋۋال مېۋە قاتارلىق خام يېمەكلىكلەرنى يېيىش ، ئاندىن كېيىن پىششىق يېمەكلىك ئىستېمال قىلىسا ، ئاق قان دانىچىسى كۆپىيىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ . (4) پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ، مەسىلەن : كونسرۋا ، شۇنداقلا چىرىشنىڭ ئالدىن ئالغۇچى خۇرۇچ، رەڭ ئېلېمنىتلىرى ، خىمىيەۋى سانائەت خام ئەشيالىرى قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمالقىلماسلىق كېرەك .

 4. تېرموستا چاي دەملەش زىيانلىق سەۋەبى : ۋېتامىنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ ، كۆپ مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى ۋە چاي ئىشقارى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. چاي يۇپۇرمىقى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى ، چاي ئىشقارى ، چاي مېيى ۋە كۆپ خىل ۋېتامىنلار بار، ℃ 80لۇق سۇدا دەملىسە بىر قەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئەگەر تېرموس تىپىدىكى ئستاكانلاردا ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا سۇدا ئۇزۇن مەزگىل چىلىنىپ تۇرسا ، بۇ خۇددى قايناقسۇدا قايناتقاندەك بىر ئىش بولۇپ ، چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى ۋېتامىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، چاي مېيى زور دەرىجىدە پارلىنىپ ، تاننىك كىسلاتاسى ، چاي ئىشقارى قاتارلىقلار كۆپ مىقداردا ئاجراپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا چاي يۇپۇرمىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپلا قالماستىن، چاي مېيى ئازىيىپ، زىيانداش ماددىلار كۆپىيىدۇ. ساقلىنىش تەدبىرى : ئىستاكان ئالماشتۇرۇش.

 5. تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىش زىيانلىق سەۋەبى: تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ئاسانلا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. تاماقتىن كېيىن چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زەھىرى ئادەتتە چەككەن 10 تال تاماكىنىڭ زەھىرىگە باراۋەر كېلىدۇ . چۇنكى ئادەم تاماقلانغاندىن كېيىن ، ئاشقازان ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىپ ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ ، بۇ چاغدا ئادەم بەدىنىنىڭ ئىس–تۈتەك قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى «ئەڭ ياخشى ھالەت » كە كېلىدۇ . تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ئادەتتىكىدىنمۇ ئوڭاي ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ، ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيانلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ساقلىنىش تەدبىرى: ئومۇميۈزلۈك تاماكا تاشلاش .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر