ئەرلەر ساغلاملىقىدىكى 3 پەرھىز

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەرلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇش رىتىمى كۈنسېرى تېزلىشىپ، بېسىم بارغانسېرى ئېغىرلاپ، ھېرىپ-چارچاش زىيادە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يېمەك-ئىچمەك، ئولتۇرۇپ-قوپۇشتىكى قالايمىقانچىلىق ئەرلەرنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. تۆۋەندە، ئەرلەر ساغلاملىقىدىكى چوقۇم دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان 3 پەرھىزنى سۆزلەپ بېرىمىز.
1. كېيىنىشتىكى پەرھىز- تار ئىشتان كېيىشكە بولمايدۇ.
ھازىرقى ئەرلەر بولۇپمۇ ياشلار تار ئىشتانلارنى كېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، تار ئىشتاننىڭ ئۇرۇقدانغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، دائىم تار ئىشتان كېيىگەندە ئۇرۇقداننىڭ ئۆز تېمپېراتورىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىپ، پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىنى يەنى ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇرۇقدان ئەرلەر بەدىنىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇرۇقداننى ئوراپ تۇرغان ئۇرۇقدان خالتىسى (تاش بۆرەك، تاشاق) توختىماي ئۇرۇقداننىڭ تېپمۇراتورىسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.  ئۇرۇق ئادەتتە بەدەن ھارارىتىدىن 2 گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەن بولغان مۇھىتتا ساقلىنىپ تۇرالايدۇ. شۇڭا، ئۇرۇقداننىڭ ھارارىتى 35 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشنى ساقلىغاندا ئاندىن نورمال ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرالايدۇ ۋە ئۇرۇق ھاياتى كۈچكە تولالايدۇ. ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتورىسى يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، ئۇرۇقداننىڭ ئىقتىدارىغا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەكتىكى پەرھىز- قېنىق چاي، قەھۋە، كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ.
قېنىق چاي، قەھۋە، ھاراق ۋە كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئەرلەر كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ. قېنىق چاي تەركىبىدىكى تېئامىن قاتارلىق تەركىبلەر مەزى بېزىنى غىدىقلاپ، مەزى بېزى قان تومۇرلىرىنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قېنىق چاينى كۆپ ئىچكەندە، مەزى بېزى شۇنچە ئوڭاي ياللۇغلىنىدۇ.
قەھۋە تەركىبىدىمۇ مەزى بېزىنى غىدىقلايدىغان تەركىبلەر بار بولۇپ، مەزى بېزىنىڭ يوغىناپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەھۋەنى كۆپ ئىچكەن ئەرلەردە سۈيدۈك راۋان ئەمەستەك، سىيىپ تولۇق چىقىرىپ بولالمىغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ.
گاز ئۇرۇلغان كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار يوقنىڭ ئورنىدا بولغاننىڭ ئۈستىگە بۇ ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى كىسلاتالىق تەركىبلەر ئورگانزىمنى بىر خىل كىسلاتالىق مۇھىتقا باشلاپ كىرىپ، ئەرلەردىكى مەنى سۇيۇقلۇقنىڭ ئىشقارلىق مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، كاربونلۇق ئىچىملىكلەردىكى خۇرۇچلار، چىرىشتىن ساقلىغۇچى تەركىبلەر ئورتاق تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن.
ھاراققا كەلسەك، ئىسپېرىت ئوڭايلا بەزلەرنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەرلەردىكى ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى ھۈجەيرىلەرنى زەخىملەندۈرۈپ، ئەرلىك ھورموننىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلەپ، ئەرلىك ھورموننىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشى ھەتتا ئەرلىك ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئولتۇرۇپ-قوپۇشتىكى پەرھىز- كۆپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.
ئۇزاق ئولتۇرۇش ئىنتايىن ناچار ئادەت بولۇپ، ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى ئەجەللىكتۇر. ئوبۇرنىدا ئولتۇرۇپ يانفون ئويناش، كىتاب ئوقۇش قاتارلىقلار ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. بۇندىن باشقا ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇش، كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق ۋاقىت ماشىنا ھەيدەش، قەرت ئويناش، ئۇزاق ۋاقىت ۋېلسىپىت ھەيدەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەردىكى ئەۋرەت قىسىمىدا قان تولۇپ، گېمورروي ۋە مەزى بېزى ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
مەيلى خىزمەت، مەيلى ماشىنا ھەيدەش ۋەباشقا سەۋەب تۈپەيلى ئۇزاق ئولتۇرغاندا چاتراق بېسىلىپ، مۇشۇ دائىرىدىكى قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مۇشۇ دائىرىنىڭ ھارارىتى ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئامىللار ياللۇغلىنىش ۋە ئۇرۇق سان-سۈپىتى تۆۋەنلەشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر