كۈچ مەشىقى قىلغانلار تاماكا تاشلىيالايدۇ

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئامېرىكىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، داۋاملىق كۈچ مەشىقى قىلغانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلىشى ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدىكەن.   ئامېرىكىنىڭ رود ئارىلىدىكى مىلىئام دوختۇرخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق دېدى: «بىز 18 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان 25 ئەر ۋە ئايالنى تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق، بۇ كىشىلەر ھەركۈنى ئاز دېگەندە بەش تال تاماكا چېكىدىكەن، بۇلارنىڭ تاماكا چەككىنىگىمۇ ئاز دېگەندە بىر يىل بولغان ئىكەن، بۇ كىشىلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىدۇق، كۈچ مەشىقى گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەتتىن كۈچ مەشىقى قىلىپ، بۇنى 12 ھەپتە داۋاملاشتۇردى. 12 ھەپتىدىن كېيىن، كۈچ مەشىقى گۇرۇپپىسىدىكى %16 ئادەم مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلىيالىدى ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىمۇ تۆۋەنلىدى، ئەمما يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر