يىگىتلەردە ئۆيلەنگەندىن كېيىن بولىدىغان 7 خىل ئۆزگىرىش

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشنى ئادەت قىلىدۇ.
ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، بۇ ئەرلەرنىڭ ھورۇنلىشىپ قالغانلىقى ئەمەس، بەلكى ھەممە ئىشتا ئايالىغا يۆلىنىۋىلىشنى بىر خىل بەخىت دەپ ھېس قىلغانلىقىدۇر.
2. ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا ئاغرىپ قالسىمۇ دوختۇرخانىغا بېرىشقا رايى بارمايدۇ.
ئۆيلەنگەندىن كېيىن كىچىككىنە ئارامسىزلانسىمۇ ئايالىغا ئېيتىدۇ، بۇ ئەرلەرنىڭ نازۇكلىشىپ كەتكەنلىكى ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇسۇل بىلەن ئايالىنىڭ ھېسداشلىقى، ئەندىشىسىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ياقتۇرىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن بۇمۇ بىر بەخىت.
3. ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا غىزادا باشقىلارنىڭ ھەمراھ بولىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ.
ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئايالىنىڭ تاماق يېمىسىمۇ يېنىدا بالىلاردەك تاماق يېيىشىگە قاراپ ئولتۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن بۇمۇ بىر بەخىت.
4. ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالىدۇ.
ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئايالى ئىشىك تۆۋىدە خۇشاللىق بىلەن كۈتىۋالمىسا، ئازاپلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
5. ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا «ئەرلەر ئاسان ياش تۆكمەيدۇ» دەپ لاپ ئۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ.
ئۆيلەنگەندىن كېيىن بۇنىڭ بىر خىل ئۆزىنى كۈچلۈك، قەيسەر كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، ۋۇجۇدىدا ئاياللار تولۇقلايدىغان بوشلۇقلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، چۈنكى ئەرلەر بۇنداق چاغلاردا ئايالىنىڭ كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
6. ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا «بىرنىلا سۆيۈش ئەرلەردىكى ئاجىزلىق» دەپ لاپ ئۇرىدۇ.
ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ.
7.ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا ئاياللار نېمىلا ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئەرلەرنىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئاياللارنىڭمۇ تۇرمۇش چەمبىرىكى بارلىقىنى چۈشىنىدۇ. ھەتتا ئۆز تۇرمۇش شەكلى بىلەن ئايالىغا ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر