مەزى بېزى ياللۇغى ئاياللارغا يۇقامدۇ؟

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ يۇقۇش - يۇقماسلىقى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تۈرىگە باغلىق. NIH(ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنى)نىڭ تۈرلەرگە ئايرىشىغا ئاساسلانغاندا، مەزى بېزى ياللۇغىنى جىددىي خاراكتېرلىك مىكروبلۇق مەزى بېزى ياللۇغى(Ⅰتىپلىق)، سوزۇلما خاراكتېرلىك مىكروبلۇق مەزى بېزى ياللۇغى(Ⅱتىپلىق)، سوزۇلما خاراكتېرلىك مىكروبسىز مەزى بېزى ياللۇغى(Ⅲ تىپلىق) ھەم ئالامەتسىز مەزى بېزى ياللۇغى(Ⅳ تىپلىق)دىن ئىبارەت 4 تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئالدىنقى ئىككىسىنى مىكروب ياكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.Ⅰتىپلىق مەزى بېزى ياللۇغىدا پات -پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش ھەم سوغۇقتىن قورقۇش، ئىسمىداش ۋە مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

Ⅲ تىپلىق مەزى بېزى ياللۇغى يەنە سوزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ئاغرىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالامىتىⅡ تىپلىق مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ، سۈيدۈك يولى تەكرار يۇقۇملىنىدۇ، ئىسمىدىمايدۇ، يەنە ئەۋرەت بىئارام بولۇش، بەزىدە ئۇرۇقدان ۋە بەل، دۈمبە تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەمما، بۇنىڭ قايسى خىل مىكرو ئورگانىزمدىن پەيدا بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ.
Ⅳ تىپلىق مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى ئۆزلىرى بىئاراملىق ھېس قىلمايدۇ، ئەمما سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە بايقىلىدۇ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى ياكى مەزى بېزى توقۇلمىلىرىدا ئاق قان ھۈجەيرىسى بولىدۇ.
مىكرو ئورگانىزملاردىن پەيدا بولغان مەزى بېزى ياللۇغىنى ئېنىقلىغان ھالەتتىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى جىنسىي كېسەلگە تەۋە بولمايدۇ. چۈنكى، كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروبلار كۆپىنچە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى بولۇپ، ئۇلار جىنسىي كېسەل پەيدا قىلمايدىغان پاتوگېنلاردۇر. ئەگەر، گىرىپتار بولغىنى Ⅲ تىپلىق مەزى بېزى ياللۇغى بولسا، كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى ئېنىق تەكشۈرۈپ تاپقىلى بولمايدۇ.
شۇڭا، يۇقىرىقى مەزى بېزى ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقمايدۇ.
ئەلۋەتتە،  سۆزنەك قوش شارچە باكتېرىيەسى، مىكوپىلازما ۋە خىلامىدىيە قاتارلىقلار(بۇ مىكرو ئورگانىزملار نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ)دىن پەيدا بولغان مەزى بېزى ياللۇغى بولسا، ئەرلەر داۋالىنىش باسقۇچىدا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك، بىراق بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر