نىكاھتىن ئاجرىشىش ئالدىدا بىر ئايالنىڭ ئېيتقانلىرى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

توي قىلىشتىن ئىلگىرى مېنى بەك ئەتىۋارلايتتىڭىز، تاماق يىگەندە قاچىڭىزدىكى گۆشنى ماڭا ئېلىپ بېرەتتىڭىز. كوچا ئاپتوبۇسىغا چقساق باشقىلار بىلەن قىزىرىشىپ تۇرۇپ، ماڭا ئولتۇرىدىغان ئورۇن تاپاتتىڭىز. چوڭ يولدىن ئۆتكەندە ھەمىشە مېنى يېتىلىۋالاتتىڭىز. تويدىن كىيىنچۇ؟ تاماق يەۋاتقاندا ماڭا قارار كۆزىڭىز يوق ماڭىدىغان بولىۋالدىڭىز، ئاياللار كۆيۈنۈشكە، ئاسراشقا مۇھتاج، بۇنى بىلەمسىز؟ توي قىلىشتىن ئىلگىرى سىز ماڭا ھەمراھ بولۇپ بازار چۆرگىلىشىپ بېرەتتىڭىز. كىيىم ئالسام تاللىشىپ بېرەتتىڭىز، تويدىن كىيىنچۇ؟ مەن بىلەن بىللە بازارغا چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەر قېتىم بازارغا بىللە چىقىشنى ئېيتسام، "ئۆزىڭىز چىقىۋېرىڭ، ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ" دەيسىز. سىز مېنىڭ كۆڭلۈمنى شۇ قەدەر ئايىمايدىغان بولۇپ كەتتىڭىز. توي قىلىشتىن ئىلگىرى ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە مېنى بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تەكلىپ قىلاتتىڭىز، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى دەپ بېرەتتىڭىز. تويدىن كىيىنچۇ؟ سىز مېنىڭ چېنىقىش كۇلۇبىغا بېرىپ بەدەن چېنىقىتۇرۇشۇمغىمۇ يول قويماي، مېنى ئەشۇ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىغا بەند قىلىۋەتتىڭىز. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، ئادەمگە ئاسانلا قېرىلىق يېتىدۇ. توي قىلىشتىن ئىلگىرى سىز ماڭا سوۋغا قىلغان بىرەر تال گۈل ياكى كىنو بېلىتىمۇ مېنى شۇنچە خوش قىلىۋېتەتتى. تويدىن كىيىنچۇ؟ خۇددى مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، بەزىدە ياخشى تاماق ئېتىپ ساقلاپ ئولتۇرسام، تېلېفون بېرىپ:" مېنىڭ كەچتە ئىشىم بار، تاماققا بارالمايمەن" دەپلا قويىسىز، شۇنداق چاغلاردا كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ توي قىلىشتىن ئىلگىرى ، مەيلى سىز قانچە يىراققا كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتمەڭ، ھەر كۈنى كەچتە تېلفون بېرىشنى ئۇنتۇمايتتىڭىز، تويدىن كىيىنچۇ؟ يادىڭىزغا يەتكەندە ئاندا- ساندا تېلېفون بېرىپ، بالىمىزنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىگەن، ئىشلىمىگەنلىكىنى سوراپ قويۇپلا ، مەندىن بىرەر ئېغىز ئەھۋال سوراپ قويايمۇ دىمەي تېلېفوننى قويىۋېتىسىز، سىز يوق چاغلاردا، سىزنى قانچىلىك ئەسلەيدىغانلىقىمنى ، قانچىلىك سېغىنىدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ مەن سىزنى شۇنچىلىك چوڭ كۆرەتتىم، ئەمما سىز كۆڭلۈمگە ئازار بېرىپلا كەلدىڭىز، مەن ئاخىرى ئاجرىشىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم. سىزنىڭ قايتا توي قىلغاندىن كىيىن مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقىڭىزنى، كەلگۈسىدىكى ئايالىڭىزنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ. ئۇلارنىڭ تەلىپىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، بىرەر ئېغىز سۆزمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى!!!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر