ئەرلەر ياللۇغلىنىپ قېلىشتىن بەكرەك ساقلىنىشى كېرەك

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتى ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ كېسەلدىن يۇقۇملىنىش خەتىرى ئاياللارنىڭكىدىن %60 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرلەردە قاندىن يۇقۇملىنىش بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنغان يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاياللارنىڭ نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان. كېسەلنىڭ تۈرلىرى، دوختۇرخانىدا يېتىش ۋاقتى قاتارلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى كونترول قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ پەرق يەنىلا مەۋجۇت بولغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كىشىلەر ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاياللارنىڭ يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ دەپ قارىغان، بىراق تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى، بولۇپمۇ دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش خېيىم-خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ بەلكىم ئوخشىمىغان جىنسنىڭ تېرە يۈزىدىكى باكتېرىيە تۈرى بىلەن سانلىق مىقدار جەھەتتە پەرق مەۋجۇت بولغانلىقتىن بولۇشى ياكى ئادەم بەدىنى ئاناتومىيە قۇرۇلمىسىدىكى پەرقتىن بولۇشى مۇمكىن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر