ئەرلەرنى 5 ياش ياشارتىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق | ۋاقتى: 2011/09/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: يۈكسەل | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ھەرىكەت تېببىيشۇناسلىقى تەتقىقاتىدا كۆرستىلىشىچە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەر ئىچىدىكى قول-بېلەك ۋە بەل-قورساقنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، بەرداشلىقنى چېنىقتۇرىدىغان تەنھەرىكەتلەر جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك چېنىقىش ئۇسۇلى دەل ئاستا يۈگۈرۈش بولۇپ، ئاستا يۈگۈرۈش ئارقىلىق %66 كىشىنىڭ جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتى ياخشىلانغان. ئامېرىكىدا ئۇدا 10 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئەرلەرنىڭ قېرىشىغا ئائىت بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرىدىغان ئەرلەرنىڭ زەكەر قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچراش (ED،勃起功能障碍، Erectile dysfunction ) نىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن، ھالبۇكى، كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ 30-20 مىنۇت تېز مېڭىپ بېرىش ياكى ئاستا يۈگۈرۈپ بېرىش زەكەر قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچراشنى ئەسلىگە ياندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە ئىكەن. ھەر ھەپتىسى 3 سائەتتىن ئارتۇق يۈگۈرۈپ چېنىقىدىغان ئەرلەرنىڭ زەكەر قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچراشقا گىرىپدار بولۇش خەتىرى چېنىقمايدىغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا %30 تۆۋەن بولۇپلا قالماي، جىنسىي ئىقتىدار يېشى 5 ياشتىن 2 ياشقىچە ياشىرىدىكەن.

ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرشىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانىمۇ چېنىقمايدىغانلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپ بولىدىكەن. باشقا بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇزاققا يۈگۈرۈپ چېنىققۇچىلارنىڭ تەقى-تۇرقى جەلبىكار بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ياخشى، جىنسىي تۇرمۇشى ئىناق بولىدىكەن.
 
 
ئۇنداقتا، يۈگۈرۈشنىڭ جىنسىي ئىقتىدارغا بۇقەدەر پايدىلىق بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار