ئەرلەر نېمە ئۈچۈن ئېھتىلام بولىدۇ؟

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بەزىدە ئۇخلىغاندا چۈش كۆرۈپ سۈيدۈك يولىدىن ئاق مەنىي كېلىدۇ، ئېھتىلام بولۇش دېگەن ئەنە شۇ. بۇ شەيتان ئاتلاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئويغاق ھالەتتىمۇ مەنىي كېلىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، بۇ مەنىي ئېقىش دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېھتىلام بولۇش بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، ھەرقانداق ساغلام ئەرلەردە كۆرۈلىدۇ، ئېھتىلام بولۇش ئادەتتە ئۈچ خىل سەۋەبتىن بولىدۇ:

1. تېشىپ كېتىش. ئوغۇل بالىلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن، ئۇرۇقدېنى كۆپلەپ ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىش بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇرۇق ۋە قوشۇمچە ئۇرۇقدان، مەزى بېزى، ئۇرۇق خالتىسى قاتارلىقلار ئاجراتقان سۇيۇقلۇق بىرلىشىپ مەنىي بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئۇرۇق ۋە ئۈزلۈكسىز ئاجرىتىلغان سۇيۇقلۇق پاتماي، تېشىپ چىقىدۇ.

2. يەرلىك غىدىقلىنىش. كۇسار تار بولسا، كۇسارنىڭ يەرلىك ئورۇننى بېسىشى ۋە سۈركىلىشى قاتارلىق فىزىكىلىق غىدىقلىنىش بىلەنمۇ ئېھتىلام بولىدۇ. سۈيدۈك يولى ياللۇغى، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ يەرلىك ئورۇننى غىدىقلايدۇ.

3. جىنسىي غىدىقلىنىش. قىزلار  بىلەن كۆپ باردى - كەلدى قىلىش، شەھۋانى ھېكايە، رومان، كىنو قاتارلىقلار تۈپەيلىدىنمۇ ئېھتىلام بولىدۇ. قول بىلەن لەززەتلىنىشتەك يامان ئادەت ياكى پىكىر خىيالىنى جىنسىي مەسىلىگە يىغىلىش تۈپەيلىدىنمۇ ئېھتىلام بولىدۇ.

ئوغۇل بالىلار ئادەتتە ئون بەش ياشلاردىن باشلاپ ئېھتىلام بولىدۇ. ھەپتىدە بىر قېتىم ئېھتىلام بولۇش نورمالسىزلىق ھېسابلانمايدۇ.

ئەگەر بەك كۆپ ئېھتىلام بولسا يەنى ھەپتىدە بىرنەچچە قېتىم ياكى بىر - ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئېھتىلام بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈش لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر