ئەرلەر قانچە يېسە شۇنچە ياشىرىدىغان يېمەكلىكلەر

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

خەلق تورى ساغلاملىق لىنىيەسى خەۋىرى : ئادەمنىڭ ساغلاملىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالىدىغان دورا يوق، ئەمما ئادەم قانچە يېسە شۇنچە ساغلام قىلىدىغان يېمەكلىك بار. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى 10 نەپەر ئوزۇقلۇق ئالىمى، دوكتور تەكلىپ بېرىپ، تۆۋەندىكى 7 خىل يېمەكلىكنى قانچە يېسە شۇنچە ياشارتىدىغانلىقىنى، قانچە يېسە شۇنچە ساغلام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


سۈت يېمەكلىكلىرى:
يېغى ئاز قېتىق ئەڭ ياخشى، مول كالىتسىي، كۆپ خىل ۋىتامىن، ئاقسىل ۋە كالىي ئېلېمېنتى بار. بۇنىڭدىن سىرت، قېتىقتىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلار تەندىكى زەمبۇرۇغلار تەڭپۇڭلىقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر قېتىقنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى ۋە پىشلاقمۇ ياخشى تاللاش. سۈت مەھسۇلاتلىرىدا ئادەم تېنى ئېھتىياجلىق بارلىق ئوزۇقلۇق بار، ھەرخىل ئوزۇقلۇقلار ئارىسىدىكى نىسبىتىمۇ تەڭپۇڭ.
تۇخۇم: تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر تۇخۇم يەپ بەرسە خولېستېرىننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپلا قالماستىن، يەنە ئادەم پۈتۈن بىر كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئازايتىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى بىلىنەر بىلىنمەيلا يېنىكلەيدۇ. تۇخۇم يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە 12 خىل ۋىتامىن ۋە مېنرال ماددا بار، بۇنىڭدا B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار ئەستا ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
قاتتىق پوستلىق مېۋىلەر: يۇقىرى تالالىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك بولۇپ، يۈرەككە پايدىلىق ھەمدە قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، بۇلار قاتتىق پوستلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئەمما ياغ مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، مۇۋاپىق ئىېستېمال قىلىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئۆرۈك مېغىزى، يەر ياڭىقى ياكى ياڭاق، ئورمان ياڭىقى بولسۇن، ھەر كۈنى ئىككى سەردىن ئېشىپ كەتمىسە ئەڭ ياخشى بولىدىكەن.
مايمۇن شاپتۇلى: «مېۋىلەر شاھى» دەپ ئاتىلىدىغان مايمۇن شاپتۇلىدا يۇقىرى زىچلىقتىكى ئوزۇقلۇق ماددا بار. بىر تال مايمۇن شاپتۇلى ئادەم پۈتۈن بىر كۈندە ئېھتىياجلىق ۋىتامىن C غا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە مول ۋىتامىن A ھەمدە ئۆسۈملۈك تالاسى ۋە كالىي تەمىنلەيدۇ.
پۇرچاق تۈرىدىكىلەر: پۇرچاقنى كۆپ يېسە يۈرەككە پايدىسى بار، پۇرچاقتىكى ئېرىمەيدىغان تالا خولېستېرىننى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ، باشقا بىر قىسىم ئېرىشچان تالالار تەن ئىچىدىكى ئەخلەتنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكتە يەنە ئاقسىل، كاربون-سۇ بىرىكمىسى، ماگنىي ۋە كالىي قاتارلىقلار بار. مۇتەخەسسىسلەر ھەر ھەپتە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم يەپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
چېچەككەك: بۇ خىل كۆكتات يېيىشلىك ھەم دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، ۋىتامىن A، C مول ھەمدە سۆڭەكنىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق ۋىتامىن K بار. ئادەتتىكى ئەھۋالدا پەقەت سەۋزىدە، ئاپېلسىن قاتارلىق سېرىق رەڭلىك ئۆسۈملۈكلەردە بار، چېچەككۆكتىمۇ زور دەرىجىدە مەۋجۇت.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر