بۇ ئامىللار ئەرلەردىكى ئۇرۇق ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەرلەردە ئۇرۇق ئاجىز بولسا نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇرۇق ئاجىزلىق (弱精症) ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق (تۇغماسلىق) نى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرۇق ئاجىزلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئىممۇنىتېت ئامىلى، ئىچكى ئاجراتما ئامىلى، ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋېلىش ۋە مەنىي سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ كېتىش قاتارلىقلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
1. ئىممۇنىتېت ئامىلى: ئسپېرمىغا قارشى ئانتىتېلانىڭ ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە بولغان تەسىرى تۈپەيلى، ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى دەخىلىگە ئۇچراپ، ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، تېشىپ كىرىش كۈچىمۇ كىچىكلەپ كېتىشى مۇمكىن.
2. ئىچكى ئاجراتما ئامىلى: مەنىي سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى گالاكتىن (galactin ، 泌乳素 ) بىلەن ئۇرۇقنىڭ ھەرىكىتى سىزىقلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇرۇقنىڭ ئوكسىگېن قوبۇل قىلىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن. قان زەردابىدىكى ئانىلىق ھورموننىڭ ئارتىپ كېتىشى ئۇرۇقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇرۇق ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
3. مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشى: مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشى ياكى يېپىشقاقلىقى ئارتىپ كېتىش تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۇ بەلكىم ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
4. كۆپىيىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش: ئۇرۇقدان (تاشاق)، يان ئۇرۇقدان، ئۇرۇق نەيچىسى، ئۇرۇق خالتىسى ۋە مەزى بېزى قاتارلىق كۆپىيىش سىستېمىسى ئەزالىرىدا جىددىي ياكى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەندە، ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇرۇق ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
5. ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋېلىش: ئۇرۇقدان، يان ئۇرۇقدان قان ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، يەرلىك ئورۇننىڭ ھارارىتى ئېشىپ، زەھەرلىك ماددىلار يىغىلىپ، ئۇرۇق ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
6. ئۇزاق ۋاقىت جىنسىي ھەۋىسىنى چەكلەش: جىنسىي ھەۋىسىنى ئۇزاق ۋاقىت بوغۇپ، نورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەي، مەنىي سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىپ تۇرمىغاندا، مەنىي سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئۇرۇقنىڭ قۇيۇقلۇقى ئارتىپ كېتىپ، ئۆلۈك ئۇرۇقلار كۆپىيىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ناچارلىشىپ كېتىدۇ-دە، ئۇرۇق ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال نورمال ئەھۋال قاتارىغا كىرىدۇ. شۇڭا ، ئۇرۇق تەكشۈرۈتكىلى بېرىشتىن 7-5 كۈن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى چەكلەش مۇۋاپىق.


ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: ئەرلەر يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇرۇق ئاجىزلىقنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى چۈشەنگەندىن كېيىن، بۇ خىل ئامىللارنىڭ ئۆزىدە كۆرۈلۈشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى، ئەگەر ئاللىقاچان كۆرۈلگەن بولسا دەرھال نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ سىستېمىلىق داۋالىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق پەرزەنت كۆرەلمەسلىك پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.


 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر