قاراپ بېقىڭ، سىزدە بۆرەك ئاجىزلىقى بارمىكەن؟

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. سۈيدىكىڭىزدىن ئازراق ئېلىپ ئىستاكانغا قۇيسىڭىز، سۈ ئاۋۋالقىدەك سۈزۈك بولسا قېنىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر دۇغلاشسا ياكى سۇ يۈزىدە ياغ ماددا لەيلەپ قالسا، بۆرەكنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
2. نورمال سۇ ئىچكەن ئەھۋالدا، كېچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەتكە چىقسىڭىز .
3. كىچىك تەرىتىڭىز راۋان بولمىسا، تامچىلاپ كەلسە.
4. ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا كۆزىڭىز ئىششىپ قالسا .
5. ئېغىر نەرسە كۆتەرمەي 3-قەۋەتكە چىققۇچە پۇتىڭىزدا كۈچ قالمىسا .
6. ئاشخانىدا ئۆرە تۇرۇپ تاماق ئەتكەن ۋاقتىڭىز بىر سائەتتىن ئارتۇق بولغاندا، پۇتىڭىز بوشاپ كەتسە .
7. بىرەر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى خالىماس بولۇپ قالسىڭىز، زېھنىڭىزنى يىغالمىسىڭىز .
8. چېچىڭىزنى يۇيغاندا چېچىڭىز كۆپلەپ چۈشۈپ كەتسە .
9. شامالدۇرغۇچ ياكى ھاۋا تەكشىگۈچ ئوچۇق ھالەتتە ئۇخلاپ ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، بېلىڭىز ئاغرىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ كەتسىڭىز .
10. دائىم چۈش كۆرۈپ چۈشىڭىزدە ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز، ئەتىگەندە تۇرغاندا قاتتىق چارچاپ كەتسىڭىز .
11. خەت يازماقچى بولۇپ، قەلەمنى قولغا ئېلىپلا يازماقچى بولغان سۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز .
12. دائىم ئۇيقۇسىراپ تۇرسىڭىز، لېكىن ياخشى ئۇخلىيالمىسىڭىز، ناھايىتى تەستە ئۇخلىسىڭىز ۋە ئاسانلىقچە ئويغىنىپ كەتسىڭىز، يېرىم كېچە كىتاب ئوقۇش ياكى رادىيو ئاڭلاش ئادىتىڭىز بولسا .
13. كۆرۈش ئىقتىدارىڭىز ئاجىزلاپ كەتسە، تېلېۋىزور ياكى كىتابنى بىردەم كۆرسىڭىز كۆزىڭىز چىڭقىلىپ كەتسە .
14. دېمەكچى بولغان گېپىڭىز ئاغزىڭىزنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ ئويلاپ تاپالمىسىڭىز، ئونتۇغاق بولۇپ قالسىڭىز، ئۇنى-بۇنى تولا يۈتتۈرسىڭىز .
15. ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە قىزىقماس بولۇپ قالسىڭىز .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر