ئۇرۇقدان ياللۇغى دەپ نېمىگە ئېيتىلىدۇ؟

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسى ئىششىپ، قىزىرىپ كېتىدۇ ھەمدە پىچاقتا تىلغاندەك قاتتىق ئاغرىيدۇ، تۇتقاندا تېخىمۇ ئاغرىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن بەدىنىدە قىزىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ، ئۇرۇقدان ياللۇغلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئۇرۇقداننىڭ ياللۇغلىنىشى ئاساسەن بەدەننىڭ باشقا ئورۇندىكى باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلارنىڭ قاننىڭ ئايلىنىش ياكى لېمفا سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ئۇرۇقدانغا تارقالغانلىقتىن بولىدۇ، ئۇرۇقدان ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە كېڭىيىشىدىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە ئۇرۇقداننىڭ بىر تەرىپى ياللۇغلىنىدۇ، ئىككى تەرىپى ياللۇغلىنىشىمۇ مۇمكىن، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغلانغانلاردا ئۇرۇقداننىڭ ئىششىپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ، چۈنكى قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى ۋىرۇسى ئۇرۇقدانغا كىرىپ، قۇلاق ئاستى بېزىنى ياللۇغلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇرۇقداننىمۇ ياللۇغلاندۇرىدۇ. ئۇرۇقداننىڭ ياللۇغلىنىشى تۈپەيلىدىن ئۇرۇقدان يىگلەپ كېتىپ، ئۇرۇق ئىشلىتىشكە تەسىر يېتىدۇ رەسىمدە پەرزەنت كۆرەلمەيدۇ.
ئۇرۇقدېنى ياللۇغلانغانلار يېتىپ ئارام ئېلىشى، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى لازىم. ئۇرۇقداندا قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ئۈچۈن تارتقۇ تارتىپ ئۇرۇقدان خالتىسىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ. ياللۇغنىڭ يېنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇرۇقدان خالتىسىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر