جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر《غەيرى سۆزنەك》

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

غەيرى سۆزنەك - سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسىدىن باشقا كېسەللىك مىكروبلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈيدۈك يولى ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى
غەيرىي سۆزنەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈرى ھەر خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقلىرى خىلامىدىيە، مىكوپلازمادىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا تامچە قۇرۇت، ئاق رەڭلىك زەمبۇرۇغ، قاپارتما ۋىرۇسى، خەتنىلىك تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلارمۇ غەيرىي سۆزنەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ.

تارقىلىش ئەھۋالى
ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەيرىي سۆزنەكنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بارغانچە ئېشىپ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئايلانغان. داۋالاش ئەمەلىيىتىمىزدىن مەلۇمكى، جەمئىيىتىمىزمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى.

كېسەللىك ئىپادىسى
بۇ كېسەلنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى بىر ھەپتىدىن بەش ھەپتە ئەتراپىدا، بەزىلەردە بۇنىڭدىن قىسقىراق ياكى ئۇزۇنراق بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ كېسەلنىڭ تىپىك ئىپادىسى سۈيدۈك يولى ئاغزىدىن ئازراق ئاجراتمىلار چىقىپ قېلىشتىن ئىبارەت. ئادەتتە ئاجراتمىلارنىڭ مىقدارى جىددىي خاراكتېرلىك سۆزنەككە قارىغاندا ئاز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۈيدۈك يولى ئاغزى قىزىرىش، ئىششىش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سۈيدۈك قىستاپ كېلىش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈكتە قان ئارىلاش بولۇش، ئۇرۇقدان خالتىسى ئىششىش، يېرىق لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

دىياگنوز قويۇش
نورمالسىز جىنسىي ئۇچرىشىش تارىخى بىلەن تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسلىنىپ، دىياگنوزنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق سۈيدۈك يولىدىن چىققان ئاجراتمىلار ئىچىدىن سۆزنەك قوش شارسىمان باكتېرىيەسىنى تاپقىلى بولسا سۆزنەك، بولمىسا غەيرى سۆزنەك دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، بىر قىسىم كىشىلەردە سۆزنەك بىلەن غەيرىي سۆزنەك بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن.

داۋالاش
مۇناسىپ ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يېتەرلىك مىقداردا، يېتەرلىك ۋاقىت ئىشلىتىش داۋالاشنىڭ ھالقىسىدۇر.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر