خورەك بىلەن ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر خورەك تارتىشنى نورمال ئەھۋال دەپ قاراپ، بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە خورەك تارتىش نۇرغۇن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خورەك تارتىش ئۇيقۇ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم، سوققان تومۇر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئەرلىك ئىقتىدارنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدىكەن .
ئەرلىك ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش يەنە باھ زەئىپلىشىش، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، روھىي ئامىل، دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم، سوققان تومۇر قېتىشىش كېسىلى ۋە بەزى دورا قاتارلىقلار. لېكىن، خورەك تارتىش بىلەن ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆپ كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن .
ئەمەلىيەتتە، خورەك تارتىشمۇ ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ قاتتىق خورەك تارتىدىغانلارنىڭ كېچىسى نەپەس ئېلىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدۇ ياكى دېمى تۇتۇلىدۇ. بۇنداقلاردا ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش تېخىمۇ ئاسان كېلىپ چىقىدۇ .
قاتتىق خورەك تارتىدىغانلارغا كېچىدە ئوكسىگېن يېتىشمىگەچكە، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنەلمەي، ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ؛ يەنە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئىقتىدارى تىزگىنلىنىپ قېلىپ، ئۇيقۇ بېسىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، خورەك تارتىشى قانچە ئېغىر بولسا، ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشىمۇ شۇنچە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا، ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ھەمدە خورەك تارتىدىغان بىمارلار ئاۋۋال خورەك تارتىشنى داۋالىشى كېرەك .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر