تاماكا چەككىنىڭىزدە ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى ئويلىدىڭىزمۇ؟

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئىشخانا، ئائىلە ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىكى بىر تال تاماكا قالدۇقى ئېلىپ كەلگەن ئوت ئاپىتى كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ۋە مال - مۈلكىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىشخانا ھۆكۈمەت خادىملىرى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىككىنچى ئائىلىسىدۇر. ئىشخانىدا تاماكا چېكىشنى چەكلەش مەسىلىسى ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان تەكىتلىنىۋاتىدۇ


. ئەمما تاماكا چەككۈچى تاماكىنى چېكىپ ھۇزۇرلانغاندا، ئەتراپىدىكى تاماكىنىڭ ئىسىدىن زەھەرلىنىۋاتقانلارنى تازا ئويلىيالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ زىيانلانغۇچىسى بولغان ئاياللار، ھامىلىدارلار ۋە نەپەس يولىدا كېسىلى بارلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئىنكاسىمۇ كۆپىيىپ قالدى ئەلۋەتتە. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تاماكا چېكىش تولىمۇ قىيىن ئىش ئىكەن. كىشىلەر كوچىلاردا، ئىشخانىلاردا ھەتتا ئائىلىسىدىمۇ تاماكىنى خاتىرجەم چېكەلمەيدىكەن. بۇ دۆلەتلەردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس تاماكا چېكىش ئۆيى ياكى رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تاماكا چېكىدىغانلار بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ چېكىدىكەن. خىلاپلىق قىلغانلارجازالىنىدىكەن. ئىگىلىشىمچە، ئوت ئاپىتىنىڭ كۆپىنچىسى تولۇق ئۆچۈرۈلمىگەن تاماكا قالدۇقىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. گەرچە كىچىككىنە تاماكا قالدۇقى كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر ھەم يامان ئىكەن. شەھەر ئاھالىسى ئادىل تۆمۈر مۇنداق دېدى: بۇرۇن ئىشخانامدا تاماكا چېكىشنى ئادەتتىكى بىر ئىش دەپ ئويلايتتىم. تاراتقۇلاردىن تاماكا چەككۈچىنىڭ ئىسىدىن زەھەرلىنىش ئارقىلىق خېلى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاشمىغىنىمنى ھېس قىلدىم. ھازىر تاماكا چەكمەكچى بولسام كارىدور ياكى ھاجەتخانىغا كىرىپ چېكىدىغان بولدۇم. شەھەر ئاھالىسى دىلنۇر دىلمۇرات مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئېغىر بۇرۇن ياللۇغى ۋە كاناي ياللۇغى كېسىلىم بار. ئازراق تاماكا ئىسىنى پۇراپ قالسام كېسىلىم قوزغىلىپ كېتىدۇ. تاماكا چېكىش ئارقىلىق ئۆزىگە ھۇزۇر تاپىدىغان ئەرلەرنىڭ ئىشخانىدا ئايال، ھامىلىدار، كېسەلچان خىزمەتداشلىرىنى، ئائىلىسىدە ئايالى ۋە بالىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ قويۇشىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭمۇ مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تاماكا چەكلەش بىلەن تاماكا تاشلاپ بولالمىغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشمۇ بىر ئەمەلىي مەسىلە بولۇپ قالدى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىز دۇنيادىكى تاماكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئىستېمال قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ھازىر مەملىكىتىمىزدە تاماكا چېكىدىغانلار 053 مىليونغا يېتىدىكەن. تاماكا چېكىش تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان بولغاچقا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاماكا چېكىشنى چەكلەش تولىمۇ تەس ئىكەن. تۈرلۈك ئورۇنلاردا مەخسۇس تاماكا چېكىش ئورنى تەسىس قىلىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇن بىلەن تەمىنلىسە، تاماكا چەككۈچىلەرمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىسا، ئىس - تۈتەكسىز مۇھىت ياراتقىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر