ھامىلدار ئەر بولۇپ قالغۇڭىز بولمىسا، قورساقتىكى گۆشنى مۇسكۇلغا ئايلاندۇرۇڭ

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھامىلدار ئەر بولۇپ قالغۇڭىز بولمىسا، قورساقتىكى گۆشنى بۇ ئۇسۇللار بىلەن مۇسكۇلغا ئايلاندۇرۇڭ

سىز ئەتراپىڭىزدىكى ياپياش تۇرۇپ، ھامىلدارلاردەك يوغان قورساق سېلىۋالغان يىگىتلەرگە دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟

ئەرلەرگە نىسبەتەن، ياش تۇرۇپ يوغان قورساق سېلىۋىلىش، تاشقى قىياپەتكە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ھەتتا نۇرغۇن قىزلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىش كۈچىنىمۇ يوقىتىدىكەن.

بۇنداق قورساق سېلىۋىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىنىپ كۆرسەك، ھازىرقى ئادەملەر دائىم كومپىيوتېر ئالدىدا، خىزمەت ئۈستىلى ئالدىدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ، جىق ھەرىكەت قىلمىغاچقا، بەدەندىكى بىر قىسىم مايلار ناھايىتى ئاسانلا قورساق قىسمىغا يىغىلىۋېلىپ، ياش تۇرۇپلا ھامىلدارلاردەك يوغان قورساق سېلىۋېلىشتىن سىرت، كىيىم كەيسىمۇ ياراشمايدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىكەن.

قورساق مۇسكۇلى چىقارغاندا ئەڭ مۇھىمى: قايسى خىل ئۇسۇلدا ئوزۇقلىنىش!

چوقۇم پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن يېمەك-ئىچمەكنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك. يەنى، ساپ، تەبىئىي بولغان گۆش تۈرلىرى، تۇخۇم، كۆكتات، يىرىك گۈرۈچ(ئاقلانغان لېكىن پارقىرىتىلمىغان)، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىقلار؛ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك، يەنى، قەنت ماددىسى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر، گۆش كومۇلىچى، قېزا، كونسېرۋا، ھەرخىل قىيام-مۇراببالار ھەمدە ئۇن تائاملىرىدىن چۆپلۈك تاماقلار.

ئادەتتە يېمەكلىكلەرنى 4 تۈرگە يىغىنچاقلىۋالساق بولىدۇ:

ئاشلىق، زىرائەت تۈرلىرى

گۆش ۋە پۇرچاق تۈرلىرى

كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە تۈرلىرى

مايلىق يېمەكلىكلەر تۈرلىرى

بۇ يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا:

ئاشلىق، زىرائەت تۈرلىرىدىن: ئارپا، گۈرۈچ، كۆممىقوناق قاتارلىقلار ئاساس بولىدۇ.

ئاساسىي ئوزۇقلاردىن گۈرۈچ، ئۇن تائاملىرىنى قارا ئاشلىققا ئالماشتۇرۇش: ئادەتتە ئىستېمال قىلىۋاتقان گۈرۈچ ئۇن تائاملىرىغا سېلىشتۇرغاندا، قارا ئاشلىقلارنى، يەنى، سۇلۇ يارمىسى، يىرىك گۈرۈچ، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىق ساغلام يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەنگە قۇبۇل قىلىنىشى %40-%30 كىچە بولىدۇ. ھەمدە ئاسان تويۇپ قالىدۇ.

گۆش ۋە پۇرچاق تۈرلىرىدىن: قوي،كالا گۆشى، قۇش گۆشى، تۇخۇم، سۈت، سۇ مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاقلار ۋە پۇرچاقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ كېلىش مەنبەسى. بۇنىڭ بەدەنگە قۇبۇل قىلىنىشى %30-%25 كىچە بولىدۇ.

مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات تۈرلىرىدىن: بۇلارنىڭ بەدەنگە قۇبۇل قىلىنىشى %40-%30 كىچە بولىدۇ.

تاماق ئەتكەندە ئەڭ ياخشىسى سۇيۇخ-سەلەڭ، مايسىز ئېتىش كېرەك. بولمىسا بەدەنگە قۇبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ.

ئەگەر ساغلام بولغان يەنى كۆپ مىقداردا كۆكتات ۋە تەركىبىدە سۇ بولغان يېمەكلىكلەرنى قورساق %70 تويغۇدەك ھالەتتە ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇ خىل ئاستا سۈرئەتتە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، بەدىنىڭىزنىڭمۇ ئاستا-ئاستا ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

تۆۋەندىكى 6 خىل ھەرىكەتنى ئوكسېگىنلىق تەنھەرىكەت بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىگەندە، قورساقتىكى گۆشنى ئېلىپ تاشلاشتىن سىرت، قورساق مۇسكۇلىنىمۇ چېنىقتۇرۇپ چىقارغىلى بولىدۇ:

▼1-ھەرىكەت:

▼2-ھەرىكەت:
▼3-ھەرىكەت:
▼4-ھەرىكەت:
▼5-ھەرىكەت:
▼6-ھەرىكەت:

بۇ خىل قورساقتىكى ماينى كېسىپ تاشلاش بىلەن بىرگە مۇسكۇل چىقىرىدىغان ھەرىكەت ئاز كۆرۈلىدۇ، قولدىن بېرىپ قويماڭ!

ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى يۇقىرى، سېمىز كىشىلەر بولسا، كۈندە 30 مىنۇت ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت قوشۇپ ئىشلەپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن: تېز مېڭىپ بېرىش، ئاستا يۈگۈرەش. شۇنداق قىلغاندىلا بەدەندىكى ماينى ئازلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر