دادىلار بۇنى بىلەمسىلەر؟ | بارلىق دادىلارغا بىر تارقىتىلى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئامېرىكا پىسخولوگلىرىنىڭ بايقىشىچە، بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى %20 ئۆزىنىڭ كېيىنكى تىرىشچانلىقى تەرىپىدىن، %80 ى ئۇنىڭ دادىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن.
بالىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنسان بولغان دادىنىڭ ھەر ئېغىز سۆزى، ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىنىڭ بالىغا بولغان تەسىر كۈچى ئانىنىڭ 50 ھەسسىسىگە باراۋەر بولىدىكەن. ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى بالىنىڭ مۇستەقىل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتسە، دادىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى بالىنىڭ ھاياتقا بولغان تونۇشى، پوزىتسىيەسى ۋە كىشىلىك خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

-دادىلار-مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، قول-قانىتى. دادىلارنىڭ ۋوجۇدى ھەققانىيەت بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن چېۋەرلىك بىلەن، ئەقىل ۋە دىيانەت بىلەن تولۇشى كېرەككى، ئۇ يەردە دېلىغۇللۇق، مۈجمەللىك، پەمسىزلىك، بېلى بوشلۇق، ساداقەتسىزلىك، ھاماقەتلىك، ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرى بولماسلىقى كېرەك، دادىلار قەيسەرلىكىتە، چىدام-جاسارەتتە، ئىلىم-ھۈنەردە، ۋاپادارلىقىتا، ئەل-يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە...پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
مۇشۇلارنى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دادىلار ئۆزىمىزنى بىر دەڭسەپ كۆرۈشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر