ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلىشى زۆرۈر بولغان 6 تەلىپى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. سوۋغىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ باھاسىدا ئەمەس، بەلكى سەمىمىيەتتە
ئاياللارنىڭ نەزىرىدە، ئەڭ ياخشى سوۋغات ھەرگىزمۇ قىممەت باھالىق، زىيادە ئاشۇرۇۋېتىلگەن بۇيۇملار بولماستىن، بەلكى ئۆزى ئاددىي، ئەمما ئۇنىڭدىن ئەرنىڭ سەمىمىيىتى چىقىپ تۇرىدىغان بۇيۇملاردۇر.
مەلۇم بىر ئەر ئادەتتە مەخسۇس ئايالى ئۈچۈن ئاتكىرىتكا يىغىپ قويىدىغان بولۇپ، ئايالىنىڭ كەيپىياتى ناچار ياكى ئۆز-ئارا رەنجىشىپ قالغان چاغلاردا سەمىمىي يۈرەك سۆزلىرى يېزىلغان بىر پارچە ئاتكىرىتكىنى ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇپ قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، ئۆي ئىچى شادلىققا چۈمۈلىدىكەن.
2. ئاياللار ئۆزىنىڭ چىرايلىق بولماي قېلىشىدىن قورقىدۇ
ھەرقانداق ئايال گۈزەللىك قوغلىشىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ رۇخسارىغا ھەممىدىن بەك ئېتىبار بېرىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە ئەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئاشكارا ماختىشىغا مۇھتاج. مەسىلەن، مۇنۇ چاچ پاسۇنىڭىزنى ياقتۇردۇم ياكى بۇ قىزىل رەڭلىك كېيىم سىزگە بەك يارىشىپتۇ ... دېگەندەك. بۇ خىل تەرىپلەشلەر قىز-ئاياللارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق مۇۋاپىق ياسىنىشقا دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتمۇ ئۈزلۈكسىز ياشىرىپ تۇرىدۇ.
3. ئاياللارمۇ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ
قىز-ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ياكى يىگىتلىرىنىڭ ئۆز خىزمەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكەندەك ئۇلارنىڭمۇ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. قىز-ئاياللار ھەر قېتىم ئۆز خىزمىتى ھەققىدە پاراڭ قىلغاندا، ئەرلەر چوقۇم ئەستايىدىل ئاڭلىشى، ئۇلار بىلەن ئوبدان پىكىرلىشىشى، پايدىلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشى لازىم. شۇنداق بولغاندا، ئەر-ئاياللىق مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.


4. ئاياللارنىڭ گېپىنى چوقۇم زەڭ قويۇپ تىڭشاش كېرەك
كۆپىنچە ئەرلەر ئاياللار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۆزىنىڭ قارىشىنى قۇۋۋەتلەش ياكى قارشى تەرەپكە ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئاياللار سۆزلەۋاتقاندا گەپنىڭ بېلىگە تېپىۋىتىپ، ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئازراق سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ گېپىگە كۆپرەك زەڭ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. دېمىسىمۇ ئاياللار ئىچىدىكىنى قانچە كۆپ سۆزلەپ تېشىغا چىقىرۋالسا، پسىخىك جەھەتتە شۇنچە يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
5. قىز-ئاياللارغا كېرىكى ئىشەنچ
ئەركەكلەرنىڭ نەزىرىدە قىزلار ئوڭايلا مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق بولۇپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما، قىزلار ھەقىقىي جۆرە تاللىغاندا، ھېسسىيات ئامىلىدىن باشقا تۈرلۈك ئەمەلىي ئامىللارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار ئېغىزىدا ئېيتمىغان بىلەن، كۆڭلىدە قارشى تەرەپنى قاتتىق دەڭسەيدۇ، ئۆز-ئۆزىدىن تالاي قېتىملاپ« بۇ يىگىت ياكى ئەر ئىشەنچىلىكمۇ؟!» دېگەن سوئالنى سورايدۇ. شۇڭا، ئەركەكلەر ھە دېسە ئۆزىنىڭ چاچ پاسۇنى بىلەن تەقى-تۇرقى، يانچۇقدىكى پۇلىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەي، باشقىلار ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇيغۇسى تۇرغۇزالايدىغان ئېسىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
6. ئاياللار ئەرلىرى بىلەن دوست بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ
ئاياللار ئۆمۈردىشى ھېسابلانغان ئېرىنىڭ ئۆزىگە باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشىنى، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، كەمچىلىكلىرىگە تاقەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. گەپنى يىغقاندا، ئېرىنىڭ دوستقا ئوخشاش ئۆزى بىلەن مۇڭداش، پىكىرداش بولۇشىنى، چۈشىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر