نامسىز بارمىقى ئۇزۇن ئەرلەر ئاياللارغا مۇنداقكەن توۋا

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

كانادا مىكگىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى خەلقئارا ئىلىمىي ژۇرنال سانىلىدىغان «مىجەز ۋە ئىنىۋىدىۋىدىئال پەرق» ژۇرنىلىنىڭ 3-ئايدىكى سانىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە بېگىز بارمىقى قىسقا، نامسىز بارمىقى ئۇزۇن بولغان ئەرلەر قىز-ئاياللارغا بەكرەك مۇلايىم بولىدىغانلىقى يېزىلغان.


بۇ تەتقىقات ئەترىتى 78 ئەر ۋە 77 ئايالنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئۈچ ھەپتە جەريانىدا كۆرۈشكەن يات جىنىسلارغا بولغاپ پوزىتسىيەسىنى خاتىرىلىگەن ۋە ئەرلەرنىڭ بارمىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا قارىتا سېلىشتۇرما تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، نامسىز بارماقنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر دەپ پەرەز قىلىنسا، ئۇنداقتا بېگىز بارمىقىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى كىچىكرەك بولغان ئەرلەر، يەنى نامسىز بارمىقى نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولغان ئەرلەر، ئاياللار بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئاياللارغا قىلغان ياخشى ئىش ھەرىكىتى %30 كۆپ بولغان، قوپال ھەرىكىتى بولسا %30 ئاز بولغان. بۇ، نامسىز بارمىقى ئۇزۇن ئەرلەر ئاياللارغا مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
بۇ تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى چىقارغان يەنە بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، نامسىز بارمىقى ئۇزۇنراق بولغان ئەرلەر كۆپرەك بالىلىق بولغان. تەتقىقات نەتىجىسى يەنە، بېگىز بارمىقى ئۇزۇن ئەرلەرنىڭ بارلىق كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسى قوپاللىققا مايىل بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر