پاينەكباش ئەرلەردىكى 2 بولمايدۇ ۋە 3 بولىدۇ | ئاڭلاپ باققانمۇ؟

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02


ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە چېچى چۈشۈپ تاز بولۇپ قىلىشنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىتىشنىڭ تولۇپ تاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىر يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئايپاڭباش ئەرلەر راك كېسەللىگى، يۈرەك قان تومۇر كىسەللىگى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشقا ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالمايدىكەن. يەنە تېخىمۇ ئەقىللىك بولىدىكەن ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن .

ئاسان راك بولمايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر ئاشقازان راكى قاتارلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 30 نەپەر بىمارنى تەتقىق قىلغان. ئۇلار بۇ خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئوپراتسىيىدىن بۇرۇنقى قان زەرداۋى ئۇرۇقدان ماددىسى مىقدارى ئايپاڭباش ئەرلەردىن روشەن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. كۆرۈشكە بولىدىكى، ئاشقازان راكى قاتارلىق راك كېسەللىكى بىلەن ئەرلىك ھورمۇنى مۇناسىۋەتلىك. ئايپاڭباش ئەرلەردە ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىتىش تولۇپ-تاشقانلىقتىن، راك كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدۇ.

ئاسان كېسەل بولمايدۇ.
ئەرلىك ھورمۇنى ئورگانىزمىدا خولىستىرول مولىكولىسىنى يان تەرەپتىن بۆلۈۋېتىشتىن، قۇرۇلما ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا، ئايپاڭباش ئەرلەر تېنىدىكى خولىتسىرول ئاسان يىغىلمايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ئەرلىك ھورمۇن سۆڭەك ئاساسى ماددىسى ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ، شۇنداقلا كالتسىي ماددىسىنىڭ سۆڭەك ئىچىدە تىنىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، ئايپاڭباش ئەرلەر ئاسانلىقچە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولمايدۇ .

ئۆمۈرى ئۇزۇن بولىدۇ .
ئەرلىك ھورمۇنى يەنە ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىر ئىلىمى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇدا 12 يىل 50 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 242 ئايپاڭباش ئەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇن مىقدارىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ تېنىدە ھورمۇن مىقدارىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرىلىقىنى، ئۆلۈش نىسبىتى ئايپاڭباش بولمىغان ئادەملىرىگە سېلىشتۇرغاندا، %48 تۆۋەنلىكىنى بايقىغان .


ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىك بولىدۇ .
تەمسىللەردە ئېيتىلىشىچە، ئەقىللىك كاللىدا چاچ ئۆسمەيدىكەن. ھازىر ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئىسپاتلىشىچە، ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق. شۇڭا ئاسان ئايپاڭباش بولىدىغانلارنىڭ ماتېماتىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەردىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ .

شەھۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ
پاينەكباش ئەرلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي جىنسىيەتكە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، شەھۋەتخۇمارراق بولۇپ جىنسىي مۇناسىۋەتكە كۆپ بېرىلىدىكەن. بۇ بەلكىم ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىشنىڭ تولۇپ تاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. كۆپىنچە پاينەكباشلارنىڭ بەدىنىدە قويۇق موي بولۇپ ساقال-بۇرۇتى يىرىك كېلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ پاينەكباشلار ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى بۇ يەردە دېيلىۋاتقان پاينەكباشلىق ھېچقانداق كېسەللىك سەۋەب بولمىغان چاچ چۈچۈش بولۇپ، ئاشقازان، بۆرەك ئاجىزلاش، چاقا، قوتۇر بېسىش ۋە ھەر خىل خىمىيەلىك بۇلغىنىشقا ئۇچراپ چاچ چۈشۈپ كەتكەن تازلار بۇنىڭ سىرتىدا.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر