ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان تۆت چارە

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ھەمياننى ئارقا يانچۇقىڭىزغا سالماڭ . ھەميان ئارقا يانچۇققا سېلىنغاندىن كېيىن ، ئارقا ئولتۇرغۇچ نېرۋىلارنى بېسىۋالىدۇ –دە ، تۆۋەنكى بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئاندىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ پاقالچەك ۋە ئوشۇق بوغۇمى بىلەن تاپان ئاغرىيدىغانياكى ئويۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ .
كۈندە ئالما يەپ بېرىڭ . 50 ياشتىن ھالقىغان ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئۈچەي راكىغا تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ . ئەنگىلىيەدىكى خەير–ساخاۋەت تەشكىلاتى—‹‹ ئۈچەي راكىغا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى›› مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ : ھەر كۈنى 18گىرام سېللۇلوزا قوبۇل قىلىپ بېرىڭ . بىر ئالما (پوستى سويۇلمىغان)نىڭ تەركىبىدە تۆت گىرامغىچە سېللۇلوزا بار ، شۇڭا ئالما يەپ بېرىش ئەڭ مۇۋاپىقتاللاش.
گۆشنى ئاز يەڭ .
ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ گۆشنى ئاز يېيىش راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ . ئەرلەرگە خاس جاسارەتنى ئۇرغۇتىدۇ›› .
چىش چوتكىسىنى يەنە بىر قولىڭىزغا ئېلىڭ .
چىش چوتكىلىغان ياكى ئىستاكان كۆتۈرگەن چاغدا دائىم ئىشلەتمەيدىغان قولىڭىزنى ئىشقاسېلىڭ ، بۇنىڭ چوڭ مېڭىدا يېڭىچە ئەستە تۇتۇش ھۈجەيرىسىنى پەيدا قىلىشقا پايدىسى تېگىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان گومۇشلۇق كېسىلىدىن ساقلىنايسىز.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر