مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولىدىغان 7خىل ئەر | ئارىسىدا سىزمۇ بارمۇ؟

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. نامرات ئەر
---بىر ئەر تۇغۇلۇشىدىن نامرات بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئەرلىككە يەتكەندىمۇ شۇ پېتى ئۆزىنى تاشلاپ يۈرىۋەرسە، قىزلارنىڭ نەزىرىگە ئىلىنماسلىقى شەكسىز. ئەرلەرنى ئۆزىنىڭ تايانچسى ھېسابلاش-ئاياللارنىڭ تەبىئىتى. ھېچقانداق ئايال ئۆزىنى باقالمايدىغان ئەرنى لاياقەتلىك ئەر ھېسابلىمايدۇ. بولۇپمۇ پۇل ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ھازىرقى زاماندا تېخىمۇ شۇنداق. شۇنداق ئەرلەرمۇ باركى، 10يۈەن بىلەن قىزبالىنىڭ كۆڭلىنى تاغدەك ئۆستۈرەلەيدىغان:پۇل بولماسلىقلا نامراتلىق ئەمەس، پۇل خەجلەشنى بىلمەسلىكمۇ نامراتلىقتۇر.
2. سەت ئەرلەر
---بىزدە ‹‹ئەرنىڭ سەتى يوق››دەيدىغان ماقال بار. چىراينىڭ سەت بولۇشى چوڭ مەسىلە ئەمەس، بەلكى ‹‹سەت كۆرۈنۈپ قېلىش›› ئەڭ چوڭ مەسىلە. سەت چىراينى باشقىلارنى قورقۇتۇشقا ئىشلەتسە، ئەلۋەتتە تېخىمۇ بولمايدۇ.
3. نېپىز ئەرلەر
---ئەلۋەتتە، تېببىي ئىلىمدا تېرىنىڭ قېلىن-نىپىزلىكنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس. بۇ يەردە دېيىلگىنى تارتىنچاق (خۇددى قىزلاردەك) لىق. مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن، مەيلى كىنو-ھېكايىلەردە بولسۇن، بىز ھامان قىزلارنىڭ ئۆزى سۆيگەن يىگىتنى‹‹قېلىن! ››دەپ ماختايدىغانلىقىنى ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز. سۆيگەن قىزىنىڭ ئالدىدا شۇ قىزدىنمۇ يۈزى نېپىز بولۇپ كەتسە، مۇھەببەت قانداقمۇ كامالىغا يەتسۇن؟!...ئەرلەرنىڭ يەنىلا ئەرلەردەك بولغىنى تۈزۈك.


4. ھاماقەت ئەرلەر
---قىز بالىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشى ئەرلەردەك ئوچۇق بولمايدۇ. ئۇلار ھامان مەلۇم ئىما-ئىشارەتلەر بىلەن كۆڭلىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنچىلىك نازاكەتنىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئەرلەر ھەقىقىي ھاماقەتتۇر.
5. قوپال ئەرلەر
---زامان ئۆزگەردى، قىزلارنىڭ تەلىپىمۇ ئاشتى. شېرىن مۇھەببەت سۆزلىرىنى قىلىپ، قىزنىڭ يۈرىكىنى ‹‹شۇررىدە›› ئېرىتىشنىمۇ بىلمەيدىغان، يۈمۈرىستىك تۇيغۇسى يوق، مۇنداقچە ئېيتقاندا‹‹بىر شاپىلاق بىلەن يىغلىتىپ، بىر سۆيۈش بىلەن كۈلدۈرۈش››نى ئۇقمايدىغان ئەرلەر قىزلارنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان بوپ قالدى.
6. ساددا ئەرلەر
---ھەممە ئىشتا ھەددىدىن زىيادە راستچىل بولۇپ، ئىچ-باغرىنى تۆكۈۋىتىغان ئەرلەردىن قىزلار ئاسانلا بىزار بولۇپ قالىدۇ. ئاياللارنىڭ تەبىئىتى بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىشىتىن، ئالداپ-سىيپاپ ئۆتكۈزۈۋېتىشكە مايىلراق بولىدۇ.
7. توخۇ يۈرەك ئەرلەر
---باھادىرلىق، مەرىتلىك، جۈرئەتلىك بولۇش-ئەرلەرنىڭ ھەقىقىي سۈپىتى. داۋاملىق باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراش، ھە دېسىلا يول قويۇش، ئىككىلىنىش...قىزلارنى ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويىدۇ. ئەڭ ئاددىيىسى، قىزغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ بولۇپ، قىزنىڭ سۈكۈتىگە ھەمراھ بولۇپ تۇرۇش يارىمايدۇ. ئەگەر قىز بىر شاپىلاق سالمىغان، كەينىگە قارىماي كېتىپ قالماي، يەرگە قاراپ تۇرغان بولسا، ئىككىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. كۆڭلىنى توق قىلىپ، قىزنى قوچاقلاپ باغرىغا بېسىش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر