ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ﻳﯜﺭﻩﻙ: ﻛﯧﻠﯩﻨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ 7~10 ﮪﻪﺳﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ، ﮪﺎﺭﺍﻕ، ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺟﯩﮕﻪﺭ: ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ 4 ﮪﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﮪﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﺎﻍ ﮔﯚﺵ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻣﯘ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻱ: ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﮔﯚﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺗﺎﻻﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﮔﯚﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ: ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﯟﻩ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ ﻳﻪﭖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯗ، ﭘﯘﺧﺎﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻗﺎﻥ ﻗﯘﺳﯘﺵ، ﻛﯧﻜﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﯩﻴﻨﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ 6.2 ﮪﻪﺳﺴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ: ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، 50 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ %60 ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﮪﻮﺭﻣﻮﻥ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﻭﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯ ﺗﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﺎﻳﺘﯩﺪﯗ. ﭼﻮﯕﺎﻳﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﭘﯩﻼﻕ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻭﯞﺳﺎﻗﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺳﯩﻴﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ
ﭘﯩﭽﺎﻥ ﻧﺎﮪﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر