دادا تاماكا چەكسە ئوغلىنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى تۈگىشىدۇ

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

تاماكىنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى ئىزچىل تىببىي ساھەسىدىكىلەر دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە. گېرمانىيە ۋە دانىيە يېقىندا تاماملىغان ئىككى تەتقىقات تۈرىدە: تاماكا ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى DNAنىڭ مۇكەممەللىكىنى بۇزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈشىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ، دەپ تەكىتلەندى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئەرلەر كېسەللىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى گاۋ بىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:
نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا تاماكا چېكىش ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنى ۋە كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىگە زىيانلىق بولۇپ، قان تومۇرىنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇ ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە تېستوستېروننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جورىسىنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تاماكا چەككەندە يەنە ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاپ، ئەۋلادىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلىك بولالماسلىق كېسىلىنى داۋالىغاندا دوختۇرلار دائىم: «تاماكا چېكەمسىز؟» دەپ سورايدۇ.

ئامېرىكا پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا: ئاياللار ھامىلدار بولغان مەزگىلدە تاماكا چەكسە ياكى تاماكا چەككەن مۇھىتتا يۈرسە تۇغۇلغان ئوغۇلنىڭ كېيىن پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدىكەن. نۇرغۇن زەھەرلىك ئىس–تۈتەك ھامىلىدار ئاياللارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى، يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىدا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىكەن.
ئەلداۋا تەۋسىيەسى:
تاماكا چېكىش ــــ ھەممە كېسەلنىڭ مەنبەسى، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيانلىق بولۇپ، ئەۋلادلارغا زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدۇ. ساغلام پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار، بولۇپمۇ دادا قەتئىي تاماكا تاشلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، «ئەۋلادلىرىنى پەرزەنت كۆرۈش، نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىدىن جۇدا قىلىشى» مۇمكىن. مەزكۇر تېمىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىتىپ قويۇشىنى، سۆيۈملۈك ئېرىگە، قەدىردان قېرىندىشىغا، يېقىن دوستىغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى سورايمىز!!!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر