ئەرلەرنى تۇيۇقسىز ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدىغان ئۇسۇللار

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

كالا گۆشى بۇ خەتەرنى %29 چۈشۈرىدۇ

كالا گۆشىدە سېلىن ماددىسى بىلەن ۋىتامىن B ئىنتايىن مول، سېلىن بېسىمغا تاقابىل تۇرسا، ۋىتامىن B قاندىكى گوموسىستېئىننى تازىلايدۇ، بۇ ماددا دەل ۋېنا تومۇرىنىڭ دىۋارىنى بۇزىدىغان ئەڭ يامان قاتىل. كالا گۆشىدىكى ياغنىڭ %50 ى يۈرەككە پايدىلىق يەككە زەنجىرلىك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، شۇڭا كالا گۆشىنى پات - پات يەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق.

پىۋىدىن نېرى تۇرۇش خەتەرنى %85 چۈشۈرىدۇ

ناۋادا سىزنىڭ كۈندە بىر يېرىم بوتۇلكا پىۋا ئىچىۋاتقىنىڭىزغا ئون يىلدىن ئاشقان بولسا، ئۇنداقتا سىزدە كېسەلگە چىرمىشىپ كەتكەن يارىدار جىگەر بار بولىدۇ. ناۋادا بىر ياز پىۋا ئىچسىڭىز، ئۇنداقتا جىگىرىڭىز ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن 12 ئاي ۋاقىتقا موھتاج بولىدۇ.

ئۆپكىنى قوغداش خەتەرنى %48 تۆۋەنلىتىدۇ

بىز بۇ يەردە شاكاللىق مېۋىلەرنى تىلغا ئالىمىز، چۈنكى شاكاللىق مېۋىلەردە سېلىن مول، بۇ ماددا راك كېسىلىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى. ئۇنداقتا زادى قانچىلىك شاكاللىق مېۋە يېسە، دەرىجىدىن تاشقىرى ساغلام ئۆپكىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى بەك ئاددىي، پەقەت بىر كۈندە ئۈچ تال يېسىلا بولىدۇ. 

تاماكا تاشلاش خەتەرنى %200 تۆۋەنلىتىدۇ

سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن چىقىۋاتقان ئىس شۇنچىلىك قەبىھ بىر نەرسە، ئۇنىڭدىن ھەتتا ئىتمۇ قاچىدۇ، چۈنكى تاماكىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار سىزنىڭ بۇزۇلغان كەيپىياتىڭىزنى تېخىمۇ ئوساللاشتۇرىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر 300 مىڭ ئەسكەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: «كۈندە 20 تال ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تاماكا چېكىدىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ %80 ى قارام بەڭگىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق».

قىزىل ئۈزۈم ھارىقى خەتەرنى %50 تۆۋەنلىتىدۇ

ھەپتىدە تۆت رومكىدىن سەككىز رومكىغىچە قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىچىدىغانلارنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى %50 تۆۋەنلەيدىكەن، چۈنكى ئۈزۈم ھارىقىدا بولىدىغان «رېسۋېراترول» دەپ ئاتىلىدىغان ماددا راك ھۈجەيرىسىنىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىكەن.

ئاپتاپسىنىش خەتەرنى %50 تۆۋەنلىتىدۇ

كۈندە 15 مىنۇت ئاپتاپ سىنىپ بەرگەن ئادەمنىڭ كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى %50 تۆۋەنلەيدىكەن، چۈنكى قۇياش نۇرى تېرىنىڭ ۋىتامىن D ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن، ۋىتامىن D بولسا قاندا كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان ماددىنى كۆپەيتىدىكەن. ئەلۋەتتە ئاپتاپسىنغان چاغدا، كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش مېيى سۈرۈشنى ئۇنتۇماڭ.

ئۈندۈرمە خەتەرنى %24 تۆۋەنلىتىدۇ

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مۇنداق نەتىجە چىقتى: پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك گلۇكوسىنولاتې ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ تاماكا ئىسى ۋە ھاۋادىكى ئۆپكە راكىنى پەيدا قىلىدىغان بۇلغىغۇچى ماددىلارنى تازىلاش ئىقتىدارى كارامەت. سىز پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى سالاتقا قوشۇپ، بولسا بولكا بىلەن يەۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

بۆرەكنى تازىلاش خەتەرنى %80 تۆۋەنلىتىدۇ

ئەنگلىيە بۆرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەگەر كۈندە بولمىغاندا ئىككى لىتىر سۇ ئىچىپ بەرسە، ئۇنداقتا بۆرەكنى تازىلاش ۋە نەملىكنى ساقلاش مۇرادى ھاسىل بولۇپ، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %80 تۆۋەنلەيدىكەن.

ئورۇقلاش خەتەرنى %40.9 تۆۋەنلىتىدۇ

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «بەدىنىڭىز قانچە سېمىز بولسا، رولغا شۇنچە يېقىن تۇرىسىز، شۇڭا ھادىسە يۈز بەرسە يارىلىنىش خەتىرىڭىزمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. بەدىنىڭىزدىكى ئارتۇقچە گۆشنى يوقىتىڭ، بەدەن كۆرسەتكۈچى (BMI) ڭىز ئىككى نۇقتا تۆۋەنلىسە، ئۇنداقتا ھادىسىدىن ئامان قېلىش نىسبىتىڭىز ئۈچتە بىر ئۈلۈش ئۆرلەيدۇ، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 20».

پىيادە مېڭىش خەتەرنى %28 تۆۋەنلىتىدۇ

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «كۈندە مەلۇم مىقداردا ئوكسىگېنلىق چېنىقىپ بەرسىڭىز، بولۇپمۇ ئاستا يۈگۈرسىڭىز، يېمەكلىكنىڭ بەدىنىڭىزدە ئۇزاق تۇرۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. چۈشلۈك تاماقنىڭ ئۈچەيدە تۇرىدىغان ۋاقتى قانچە ئاز بولسا، ئۇنىڭ بەزى زىيانلىق ماددا، ھەتتا راك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىش پۇرسىتى شۇنچە ئاز بولىدۇ.

ئاپېلسىن شەربىتى خەتەرنى %28 تۆۋەنلىتىدۇ

فىنلاندىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «ئەرلەر كۈندە يېرىم لىتىر ئاپېلسىن شەربىتى ئىچىپ بەرسە، قان بېسىم، قاندىكى خولېستېرىن ۋە ئارتېرىيە تومۇرىغا زىيان يېتىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن، چۈنكى ئاپېلسىن شەربىتىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرالايدىغان ۋىتامىن C مول ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پالەكتە يوپۇرماق كىسلاتاسى ئىنتايىن مول، بۇ ماددىمۇ سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى %33 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتەلەيدۇ.

مايمۇن شاپتۇلى خەتەرنى %36 تۆۋەنلىتىدۇ

مايمۇن شاپتۇلى دەيدىغان مۇشۇنداق ھەم كىچىك، ھەم تۈكلۈك مېۋىدىن كۈندە بىر تال يەپ بەرسىڭىز، ئۇنداقتا بەدەن ئېھتىياجلىق 120 مىللىگىرام ۋىتامىن C غا ئېرىشىپ، ھاۋا بۇلغىنىشى ئۆپكىگە سالىدىغان زىياننىڭ يېرىمىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

ۋىتامىن E خەتەرنى %16 تۆۋەنلىتىدۇ

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋىتامىن E تاماقتىن قوبۇل قىلىنغان ۋىتامىن E غا قارىغاندا، ئۆپكىگە ئائىت كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئىقتىدارى بەكرەك كۈچلۈك. شۇڭا ياڭاق ياكى كۈنجۈتتىن قوبۇل قىلغان ۋىتامىن E بىر مىكروگىرامغا يەتسىلا، ئۇنداقتا كېسەللىك ئامىللىرىنى چەكلەش نىيىتى روياپقا چىقىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر