ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ «ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯜﺗﯜﻧﯜﺵ» ﻛﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﮪﯩﺴﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ «ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯜﺗﯜﻧﯜﺵ» ﻧﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﺴﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﺯﯨﺮﺍﻳﺪﯗ، ﻛﯚﭘﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻼﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى يوق.

ئەرلىك جىنسىي ئەزادا كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر:
  ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ: ﻗﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﻰ، ﺧﻪﺗﻨﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺧﻪﺗﻨﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ  ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﺎﺭ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺧﻪﺗﻨﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻗﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﯩﺘﯩﻦ، ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

 ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﯩﺪﯨﻦ: ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺮﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﮪﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻣﯘﮪﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺋﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯜﭼﺴﯩﺰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﭘﺎ-ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ، ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

 ﺋﯜﭼﯩﻨﺠﯩﺪﯨﻦ: ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﮪﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﯜﻧﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﺧﻼﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﻣﯩﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ، ﺑﯘﻻﺭ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

 ﺗﯚﺗﯩﻨﺠﯩﺪﯨﻦ: ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، 50 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻥ (PSA) ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻗﯩﺴﺘﺎﺵ، ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚﭘﯜﻳﯜﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر