ئەرلەردىمۇ ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئۇيقۇسىزلىق، چاچ چۈشۈش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش… «ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىش» دېگەن گەپ چىقسىلا كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا قارىتىلغان دەپ ئويلايدۇ، بىراق ئەرلەرنىڭ%50دە ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئىچكى ئاجرالما سېستىمىسى بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسى بولۇپ، ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنى ئارقىلىق بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ. نورمال ئەھۋالدا بەدەندىكى ھەرقايسى ھورمۇنلار تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلايدۇ، ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەردىن بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا، يەنى مەلۇم ھورمۇننى ئاجرىتىپ چىقىرىش ھەددىدىن كۆپ ياكى ھەدىدىن ئاز بولۇپ كەتسە، ئىچكى ئاجراتمىلار تەڭپۇڭسىزلىشىپ، مۇناسىپ كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئىچكى ئاجرالما تەڭپۇڭسىزلىشىش، يالغۇز ئاياللاردىلا كۆرۈپ قالماي، ئەرلەردىمۇ ئوخشاشلا ئىچكى ئاجرالما تەڭپۇڭسىزلىشىش مەسىلىس كۆرۈلمەكتە، 

ئىچكى ئاجرالما تەڭپۇڭسىزلىشىشنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى: زېھنىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇ ئازلاش، ئاسان چارچاش، خىزمەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە قىزىقمايدىغان بولۇپ قېلىش، مەيۈسلىنىش، تەشۋىشلىنىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، گۇمانخورلۇق، مىجەزى ئەسەبىيلىشىش، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈش، باش قېيىش، يۈرەك سېلىش،ئالاقزادە بولۇش، قول پۇتلىرى توڭلاش، بىرەر يېرىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەسلىك، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە نورمالسىزلىق كۆرۈلمەسلىك، مۇسكۇللار كىچىكلەپ، ياغ كۆپىيىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى چېكىنىش، فىزىئولوگىيەلىك فۇنكسىيىسى توسالغۇ كۆرۈلۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئەرلەردىكى ئىچكى ئاجرالما تەڭپۇڭسىزلىقى تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: پەرزەنت كۆرەلمەسلىك، جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش، چاچ چۈشۈش، يۈزگە يىرىڭلىق قاپارتقۇ چىقىش، دىئابىت، مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش، قالقان بەزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ياكى كۈچىيىپ كېتىش، ئۇيقۇسىزلىق، روھسىزلىق، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىقلار. ئىچكى ئاجرالما تەڭپۇڭسىزلىشىش ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردە كىلىماكتېرىيە يىغىندى كېسەللىكى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا چوقۇم بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

كلىنىكىلىق ئەمەلىيەتتە بايقىلىشىچە، نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇندا بىنورماللىق كۆرۈلۈپ، ئانىلىق ھورمۇن كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ھەتتا نورمال سەۋىيىدىن2-3 ھەسسە ئېشىپ كېتىدىكەن.

ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ بۇنداق كۆپىيىپ كېتىشى ئاساسلىقى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.

يەم خەشەكلەرسىكى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن قاتارلىق خۇرۇچلار، ھاشارات يوقىتىش دورىسى، سۇيۇق سوپۇن، گىرىم بۇيۇملىرى ھەتتا يېمەكلىكلەردە تەبىئىي ھورمۇن ياكى ھورمۇننى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ، بۇ خىل زىيانلىق ماددىلار زىيارەت قوبۇل قىلىنىپ، ئۆي قۇشلىرى ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بەدىنىگە يىغىلىدۇ. جانلىقلاردىكى زەنجىرسىمان رېكتىفىكاتسىيەلىنىش ھەتتا ئادەم بەدىنىگىمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇ خىل ماددىلارنىڭ خىمىيىلىك تۈزۈلۈشى بىلەن ئانىلىق ھورمۇننىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن يېقىن. شۇڭا بەدەنگە يىغىلىپ بولغان ئانىلىق ھورمۇن بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. 

ئىچكى ئاجراتمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى، تاشقى مۇھىت ئامىلىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ياخشىلاش تەس، ئىچكى ئاجرالما تەڭپۇڭسىزلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاساسلىقى يېمەك ئىچمەك ۋە ھەرىكەتتىن باشلاش، زۆرۈر بولغاندا قوشۇمچە دورىلار ئارقىلىق داۋالىنىش كېرەك. ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ياكى كۆكتات مېۋە ۋە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، سۇنى كۆپرەك ئىچىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش لازىم. ئىلمىي بولغان تۇرمۇش قانۇنىيىتى بولۇشى كېرەك، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش نورمال تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشتا تەڭپۇڭسىزلىقنى، ھەتتا يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باشقا كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، دەم ئېلىشقا ۋە قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تېبابىتىدە كەيپىيات ئىچكى ئاجراتمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەيپىيات ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. «خۇاڭدىنىڭ ئىچكى تېبابەتچىلىك دەستۇرى»دە، ناچار روھىي ھالەتنىڭ ئورگانىزملارنى زەخىملەندۈرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا شەرھلەنگەن، كەيپىياتنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىمۇ بىۋاسىتە بەدەننىڭ جىنسىي ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر