ئۆمۈرى قىسقا ئەرلەرنىڭ5ئالاھىدىلىكى،بەشىنچىسنى كۆرۈپلا چۆچۈيسىز!

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ساغلام ياشاش، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش بارچە ئادەمنىڭ ئارزۇسى. بۈگۈنكى دەۋردە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۇزارغىنى راست، ئەمما ھەقىقىي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈۋاتقانلار يەنىلا ناھايىتى ئاز، مەزگىلسىز بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ كېتىۋاتقانلار ئەتراپىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئالىملارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر ئۈستىدىن ئىشلىگەن بىر قاتار تەتقىقاتلاردىن ئېرىشكەن خۇلاسىسى شۇكى، ھەر كىمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبى ھەر خىل، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ھەقىقىي سىرى تېخى تەلتۆكۈس يېشىلگىنى  يوق. ئەمما، بىز تەپەككۇرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ قايسى سەۋەبلەرنىڭ ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇ سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ كويىغا چۈشسەك، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش مەقسىتىگە يېتىشىمىز تەبىئىي. بۈگۈن ئەلداۋا تەھرىرى كۆپچىلىك بىلەن ئەرلەردىكى قايسى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئۆمۈرىنىڭ قىسقا بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە پاراڭلىشىمىز. ئىلتىماسىمىز شۇكى، بۇ مەزمۇننى يېقىن-يورۇقلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويسىڭىز، ياخشى مەزمۇنلار پىنھان قالمىسا...

ئۆمۈرى قىسقا ئەرلەرنىڭ 5 ئالاھىدىلىكى
ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرى ئاياللارغا قارىغاندا بىرقەدەر قىسقا بولىدۇ. ئەلداۋا ئىگىلىگەن تەتقىقات ئۇچۇرلىرىغا كۆرە، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى ئەرلەرگە قارىغاندا 5-3 ياش ئۇزۇن. ئۇنداقتا زادى نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق كېلىپ چىقىدۇ؟ زادى قايسى ئامىللار ئەرلەر ئۆمرىنىڭ قىسقىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

1. جىنسىي تۇرمۇشى ئىناق بولمىغان ئەرلەر
ئەرلەرگە قارىتىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جىنسىي تۇرمۇشى ئۇزاق مۇددەت ئىناق بولمىغان، بولۇپمۇ ئۇزاق مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەت داۋامىدا يۇقىرى پەللىگە چىقالمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى جىنسىي تۇرمۇشى نىسبەتەن ئىناق، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن دائىم دېگۈدەك تېگىشلىك نېسىۋە-ھۇزۇرىنى ئالالايدىغان ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا %50 يۇقىرى بولىدۇ. ئالىملار تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياش، تاماكا چېكىش ئەھۋالى، جەمئىيەتتىكى ئورنى قاتارلىقلارنىمۇ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولغان.
2. بەل ئايلانمىسى چوڭ ئەرلەر
نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلاردىن ئېرىشىلگەن يەكۈن شۇكى، بەل ئايلانمىسى قانچە چوڭ بولسا ئۆمۈرى شۇنچە قىسقا بولىدۇ. چۈنكى، بەل ئايلانمىسى ئۆلچەمدىن ئاشقان ھامان كۆپلىگەن ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپلىرى ۋە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3. پاقالچاق ئايلانمىسى كىچىك ئەرلەر
ئامېرىكا «سەكتە» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاقالچاق ئايلانمىسى 33 سانتىمېتىردىن كىچىك بولغان ئەرلەردە بويۇن ئارتېرىيەسى داغلىشىپ توسۇلۇش ۋە سەكتە پەيدا بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدىكەن.
4. قۇلاق يۇمشىقىدا قورۇق بار ئەرلەر
ئەرلەرنىڭ قۇلاق يۇمشىقىدا قورۇق پەيدا بولۇش، قان تومۇرلاردا قېتىشىش پەيدا بولغانلىقى، بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇر ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولمايۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، قۇلاق يۇمشىقىدا قورۇق بولسا يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشى خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ، بۇ خىل خەتەر بىر قۇلاقتا قورۇق بولسا %33 گە، ئىككى قۇلاقتا تەڭ بولسا %77 گە يېتىدۇ.

5. قان تىپى
ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تۈرلۈك زور كۆلەملىك تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قان تىپى A ، B ۋە AB بولغان ئەرلەرنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى قان تىپى  بولغان ئەرلەرگە قارىغاندا %44 يۇقىرى ئىكەن.
ئەرلەر ساقلىقىنى ساقلاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئاچقۇچى
بۈگۈنكى كۈندە، ئەرلەر جەمئىيەتتىكى «ئاجىز توپ» قا ئايلىنىپ قالدى. ئائىلە، جەمئىيەت ۋە خىزمەت بېسىمى ئۇلارنىڭ «جېنى» نى ئېلىپ يېنىدا قويماقتا. ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقى ئائىلىنىڭ بەختى. شۇڭا، ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىر ئائىلە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. ئەلداۋا تەھرىرى تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئەرلەر ساقلىقىنى ساقلاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىرقانچە ئاچقۇچىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

1. كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش، خۇشال ياشاش، كۆپ كۈلۈش
روھىي كەيپىيات، ئادەمنىڭ پىسخىك ھالىتىنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. كونىلاردىكى بىر كۈلسەڭ، ئون يىل ئۇزاق ياشايسەن، دېگەن گەپ بىكارغا ئېيتىلمىغان. ئازادە كەيپىيات، خۇشال-خۇراملىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
2. ھەر كۈنى ئالما ئىستېمال قىلىش
كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا ئالمىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان شىپالىق ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە. ئالما تەركىبىدە سىنك ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇ مەزى بېزىدىكى كېسەلگە قارشى مۇھىم ئىلمېنىت ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئالما يېسە، مەزى بېزى كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىنى يەڭگىلىتىپ، قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. بۇندىن باشقا، ئالما يەنە قاندىكى ماي ۋە مىقدارىنى چۈشۈرۈش تەسىرىگە ئىگە.
3. گۆشنى ئاز يەپ، ھەرىكەتنى كۆپ قىلىش
4. تۇزنى ئاز يەپ، سۇنى كۆپ ئىچىش

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر