مەزى بېزىنىڭ 5 كۈشەندىسى ۋە ئۇنى ئاسراشتىكى 3 پىرىنسىپ

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. ھاراق، تاماكا
ھاراق، تاماكا ئىسپىرتنىڭ غىدىقلاش تەسىرىدە مەزى بېزىدىكى قىلدام تومۇرلار تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، مەزى بېزى قانغا تولۇپ، ھەجمى چوڭىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەزى بېزى سۈيدۈك يولى ۋە مەزى بېزى ئەتراپىدىكى نېرۋىلارنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئىسپىرتنىڭ مەزى بېزىگە بولغان بۇ خىل تەسىرى ئادەتتە 3 – 4 كۈن داۋاملىشىدۇ . مەزى بېزى چىقارغان توقۇلما سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە نىسبەتەن ئۇزۇن جەريان كېتىدىغان بولغاچقا، مەزى بېزىنىڭ ‹‹قانغا تولۇشى تېز، ئەسلىگە كېلىشى ئاستا›› بولىدۇ. تاماكا چېكىش مەزى بېزىنىڭ بۇ خىل چوڭىيىشىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.
2. ئۇزۇن ئولتۇرۇش
ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش مەزى بېزى ۋە پۈتكۈل سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، ماددا ئالمىشىشىنى ئاستىلىتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجىي سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. سوغۇق
مەزى بېزىگە سوغۇق ئۆتۈپ قالسا، سىمپاتىك نېرۋا جانلىنىپ، مەزى بېزى تۈگۈلۈپ، سۈيدۈك يولىنىڭ ئىچكى بېسىمى ئېشىپ، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش تەسىرگە ئۇچراپ، مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. يەللىك يېمەكلىك
يەللىك يېمەكلىكلەر مەزى بېزىنى غىدىقلاپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، مەزى بېزىگە قان تولۇش، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش، قەۋزىيەت، كىچىك تەرەت قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ۋاسىتىلىك ھالدا مەزى بېزى كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. كىچىك تەرەتنى قىسىش
بىر قىسىم كىشىلەر مەلۇم بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندا كىچىك تەرىتى قىستىسىمۇ، قولىدىكى ئىشنى تۈگىتىۋېتىشنى ئويلاپ ۋاقتىدا تەرەت قىلمايدۇ . بۇنداق قىلسا، دوۋساق زىيادە كېڭىيىپ، مەزى بېزىگە چۈشىدىغان بېسىم ئېشىپ، دائىرىلىك قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ، مەزى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

 

بىرىنچى ياخشى پرىنسىپ: ياخشى يېيىش
نېمە تولۇقلاش كېرەك؟ مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار (微量元素)دىن سىنك ۋە   ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ (抗氧化剂) بۇلارنىڭ ھەممىسى مەزى بېزى (前列腺) نىڭ  ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
نېمە يېيىش كېرەك؟
ئەرلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئۇرۇق گۆش، پۇرچاق   ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئاق گازىر، خۇاسىڭ مېغىزى، كاۋا مېغىزى ۋە   كۈنجۈت قاتارلىقلار ئىمكانقەدەر كۆپرەك بولۇشى، ئادەم بەدىنىنىڭ سىنكقا   بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك. بەزى قارا ئاشلىق (粗粮)، ئۇرقچىسىمان   مېۋە، ئۆسۈملۈك مېيى، يېڭى سەي-كۆكتاتلار ۋە مېۋە-چېۋىلەر بولسا ھەر خىل   ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋنى تۇلۇقلايدۇ.

 

 يېيىشكە ماس كەلمەيدىغانلار:   ھاراق، قىزىلمۇچ قاتارلىقلار ۋە تاماكا قاتارلىقلار گەرچە بىۋاسىتە ھالدا   مەزى بېزى كېسەللىكىنى قوزغىمىسىمۇ، ئەمما مەزى بېزى ۋە سۈيدۈك يولىغا   نىسبەتەن غىدىقلاش رولى بار بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئەۋرەت قىسىمى بىئارام   بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن سىرت يەنە مەزى بېزى ۋە دوۋساق بوينىغا قان   تولۇش، سۇلۇق ئىششىش، سۈيدۈكنىڭ راۋان بولماسلىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ   چىقىرىدۇ. شۇڭابۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئۇزۇقلۇقنى   ھەرگىزمۇ دورا ئورنىدا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ   دورا يېيىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. مەزى بېزى يوغىناشنى داۋالىغۇچى   كۆپىنچە دورىلارنى ئاساسەن كۈندە يېيىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىر ۋاقمۇ قالدۇرۇپ  قويۇشقا بولمايدۇ.

ئىككىنچى ياخشى پرىنسىپ: ياخشى ئىچىش
نېمە ئىچىش كېرەك: سۇ ئىچىش كېرەك
ھاۋا سوغۇق ۋاقىتلاردىمۇ يەنىلا كۆپ سۇ ئىچىش ( قايناقسۇ )، كۆپ سۈيدۈك   چىقىرىش كېرەك. سۈيدۈك ئارقىلىق سۈيدۈك يولىنى ياخشى پاكىزلاش مەزى بېزى   ئاجراتمىلىرىنى چىقىرىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سۈيدۈك   يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاللىقاچان مەزى بېزى   كېسىلىگە گىرىپار بولغان بىمار بولسىمۇ چوقۇم كۆپ سۇ ئىچىش كېرەك.


قانداق ئىچىش كېرەك؟ كۈندۈزى كۆپرەك ئىچىش كېرەك. كېچىدە كۆپلەپ   ئويغىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى 2~3 سائەتتە چوقۇم   ئىچىلىدىغان سۇ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆپ ئىچكەندە سۈيدۈكمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەمما، سۈيدۈك قىستاپ كەتكەندە، قەتئىي «يەنە بىردەم چىداي» دېمەسلىك كېرەك.

 

سۈيدۈك قىسىش دوۋساقنى ھەددىدىن زىيادە چىڭقالدۇرۇپ، مەزى بېزىنى   بېسىۋالىدۇ. مەزى بېزى كېسەللىك بىمارلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق   بولغاندا ئاسانلا سۈيدۈكنىڭ تەتۈرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەك ۋە   سۈيدۈك نەيچىسىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ھەتتا بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىيىش قىيىن بولۇش ۋە   جىددىي خاراكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن. شۇڭا،  ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، سىيىش تويغۇسى بولغان ھامان دەرھال سىيىش كېرەك.

ئۈچىنچى ياخشى پرىنسىپ: ياخشى ئويناش
نېمە ئويناش كېرەك؟ پىيادە مېڭىش، چامباشچىلىق قىلىش كېرەك
قانداق ئويناش كېرەك؟ كۆپلىگەن مەزى بېزى يوغىنىۋالغان   كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاللىبۇرۇن پىنسىيەگە چىققان بولۇپ، بوش ۋاقتى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلار دائىم شاھمات، قارتا ئويناشنى ياخشى  كۆرىدۇ. بۇنى بەك ئەيىپلەپ كېتىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما، شاھمات، قارتا   ئوينىغاندا، ئاسانلا ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ. مەزى بېزىنىڭ ئورنى ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىنىڭ ئۈستىدە «ئولتۇرۇشى» نى بەلگىلىگەن، شۇڭا   دائىم ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش مەزى بېزىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر