دادىنىڭ يېشى بىلەن بالىنىڭ ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا كېچىكىپ نىكاھلىنىش ياكى كېچىكىپ بالىلىق بولۇش بارغانسېرى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى، بولۇپمۇ ئەنگلىيەدە ئەرلەرنىڭ تۇنجى ئاتا بولۇش ئوتتۇرىچە يېشى 33 ياش بولغان بولسا، ئاياللارنىڭ تۇنجى ئانا بولۇش يېشى 30 ياشقا كېچىكىپ، 40 يىل بۇرۇنقىدىن تۆت ياش چېكىنىپ كەتتى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر 15 مىڭ جۈپ قوشكېزەكنىڭ ماتېرىيالىنى يىغىپ ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، ئاتا يېشىنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى، شۇنداقلا بېكىنمىچىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

 
   ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ۋاقتى، بالىلارنىڭ تۇغما ئەقىل كۆرسەتكۈچى ۋە ساغلاملىق ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر ئەرلەر 38 ياشقا كىرگەندىن كېيىن تاپقان بالىنىڭ 12 ياشلار ئەتراپىدا ئىلىم – پەن، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە ماتېماتىكا نەتىجىسى تەڭ قۇراملىق بالىلارنىڭكىدىن %32 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ تەتقىقاتقا رىياسەتچىلىك قىلغان مۇتەخەسسىس ماگدالېننا مۇنداق دېدى: «تەتقىقاتتىن ئايانكى، ئاتىلارنىڭ يېشى قانچە چوڭ بولسا، بالىلارنىڭ ئوقۇش ۋە كەسپىي نەتىجىسىگە نىسبەتەن شۇنچە پايدىلىق ئىكەن».
 
    بىراق ماگدالېننا يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: «بەلكىم چوڭ ياشلىق ئاتىلار پەيدا قىلىدىغان مەلۇم خىل گېن بالىلارنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئاتىلارنىڭ يېشى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ، بالىلارغا تولىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن، يەنى بالىلارنىڭ بېكىنمىچىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۈچىيىدىكەن. رەت قىلىشقا بولمايدىغان رېئاللىق شۇكى، ئاتا ياشقا چوڭىيىپ قالغاندا تاپقان بالا بىر قەدەر ئەلا گېنغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل گېننىڭ <قۇدرىتى> چەكتىن ئاشسا، ئۇنداقتا بالىلارنىڭ بېكىنمىچىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ كېتىدىكەن».
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر