• يېڭى ماقالىلەر

ئەرلەر پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئاۋال مۇشۇ تەكشۈرتۈشلەرنى قىلسىڭىز غەمدىن خالاس بولىسىز

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 بۈگۈنكى دۇنيادا تەخمىنەن ئون پىرسەنت ئائىلە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈش توي قىلغاندىن كېيىنكى ھەربىر ياشنىڭ ئۈمىدى، ئارزۇسى.

 
  بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: ئەرلەرگە نىسبەتەن پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئاۋال دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئەڭ ئاساسلىق قىلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرى مەنىي سۇيۇقلۇقىغا قارىتا لابراتورىيىلىك تەكشۈرۈش قىلىش. لابراتورىيىلىك تەكشۈرۈشكە بولغان تەلەپمۇ ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نوپۇزلۇق مەخسۇس دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش قىلىش كېرەك، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن تەلەپ ئۆلچەملەر بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
 
  ئۇنداقتا، مەنىيگە قارىتا تەكشۈرگەن لابراتورىيە نەتىجىسىگە قايسى تەرەپلەردىن قارايمىز؟بۇنىڭغا قارىتا بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ:
 
  بىرىنچىدىن: ئاۋال مىقدارى، ئاندىن رەڭگىگە قارايمىز. نورمال مەنىي سۇيۇقلۇقى رەڭسىز سۈزۈك ھالەتتە بولىدۇ، ئەگەر قىزىل رەڭ ھالىتى شەكىللەنگەن بولسا ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى، سېرىق ھالەت پەيدا بولغان بولسا ياللۇغنىڭ ئەھۋاللىرى بولغان بولىدۇ،ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرنىڭ دىئاگنوز قويۇشتا قوللىنىشقا ئېيتىلغان بولسىمۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بەزى بىمارلارمۇ كۆرۈپ بىلىۋېلىشقا تىگشىلىك بولغان بىلىمدۇر.
 
  ئىككىنچىدىن، pH قىممىتىگە قارايمىز، بۇنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىمۇ سىپىرما ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
 
  ئۈچىنچىدىن، مەنىينىڭ سۇيۇقلىنىش ۋاقتى ، مىقدارى، جەمئىي ئۇرۇق سانى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ھايات ئۇرۇق قانچىلىك تىرىكلىك دەرىجىسى ، ھەركەتلىنىش ئىقتىدارى ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇقنىڭ ھالىتى غەيرىي ئۇرۇقمۇ ياكى پىچەكمۇ قاتارلىقلار ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 
  شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، دوختۇر يەنە قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھورمون ئىقتىدارىنى، ئىچكى ئاجراتما ئەھۋالىنى، يەنە خروموسۇمىلارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىق ئەھۋالى قاتارلىقلارغىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر.
 
پەرزەنتلىك بولالمايۋاتقان ئەر-ئايالغا نىسبەتەن، ئىككى ياشنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى زادى پەرزەنتلىك بولالامدۇ-يوق؟ دىگەن مەسلىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىككىلا تەرەپنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز بولسا، يەنى ئەرتەرەپنىڭ ئۇرۇقى ئاجىز، ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇمدان ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان  ياكى كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئەھۋالى بايقالغاندا، بىر ئاز ئاۋارىچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر ئەر-ئايالدا پەرزەنتلىك بولالماسلىق ئەھۋالى بايقالغاندا، ئەر-ئايال بىللە كېلىپ ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، پەرزەنتلىك بولالماسلىقنىڭ سەۋەبى ئەر تەرەپتە بولىشىمۇ ئايال تەرەپتە بولىشىمۇ، ۋە ياكى ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپتە بولىشىمۇ مۇمكىن.
 
  ئاخىرىدا، بوغدا دوختۇرخانىسى شۇنى سەمىمىي ئېسىڭىزگە سالىدۇ: پەرزەنتلىك بولۇشقا قارىتا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە تەرتىۋى ئادەتتىكى باشقا كېسەللىككە ئوخشىمايدۇ. ئايال تەرەپ ئادىتى پاكىزلانغان كۈنىنىڭ ئەتىسىگە توغرىلاپ، ئەر تەرەپ جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇپ، ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئەتراپىدا بولغاندا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. قائىدە بويىچە، سېزىلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپتىن داۋالاپ، يەنە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. كېسەللىك خاراكتىرىگە ئاساسەن خاس ھالدىكى داۋالاش ئۇسۇلىنى بېكىتىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر