• يېڭى ماقالىلەر

ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻰ

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺗﻪﯓ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﮪﺎﻛﺎﯞﯗﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ: ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﮪﺎﻛﺎﯞﯗﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﻮﺭﺗﯩﺰﻭﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮪﻮﺭﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺯ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﺭﺗﯩﺰﻭﻥ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻛﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺷﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻛﻮﺭﺗﯩﺰﻭﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﯟﻩﺭﺳﻪ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﯩﻐﻼﺵ: ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻰ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﮪﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯩﻐﺎ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺩﻩﺭﺩﻛﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻻ ﻳﯩﻐﻠﯩﺸﻰ ﻛﯚﭖ ﮪﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﺎﺯﺍﺏ ﮪﻮﺭﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﻟﯩﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﺧﺎﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﮪﻮﺭﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻳﯜﺭﯛﺵ: ﻓﯩﻠﻼﻧﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺭﺕ ﺗﯚﻛﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﭻ ﭘﯘﺷﯘﻗﯩﻨﻰ ﮪﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ،ﺑﯘ ﮪﺎﻝ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ: ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 1989-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1997-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻳﺨﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﭽﻪ، 19ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 44ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ 50 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ %58ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ %48 ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﻤﻪﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﻤﺴﯩﺮﺍﺵ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﭼﻤﺎﻱ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ: ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﻤﺎﻱ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻮﻳﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ 6.2ﮪﻪﺳﺴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﻪﻳﺪﯗ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﻯ.

ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ: ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﮪﻮﺭﻣﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺷﺎﻻﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.

ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﮪﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺶ: ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﺸﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﮪﻮﺯﯗﺭﻻﻧﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ 30 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯧﻨﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 200ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻥ، ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺳﺘﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮﯛﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺭﻭﻣﻜﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ: ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ،ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺭﻭﻣﻜﺎ ﻗﻪﻧﺘﺴﯩﺰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﯞﭘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 20 ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯩﺘﯩﺮ ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﯘﺯﯨﺮﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﮪﺎﺭﯨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺭﻭﻣﻜﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ، ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯩﯟﺍ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﮪﺎﺭﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر