ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

مەنبە: نۇرتورى

ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى «LOH» نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟

1. بەدەن قۇۋۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر: ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىش، تەنھەركەت ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەش؛

2. روھىي جەھەتتىكى ئالامەتلەر:دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۇنتۇغاقلىق، ئۇيقۇسىزلىق، روھىي چۈشكۈنلۈك، روھىي سۇسلۇق ياكىسەپرا، تېرىككەك، ئىچى تىتىلداش، تەشۋىشلىنىش، قاتارلىقلار؛

3. قان تومۇر ھەركىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر: كۆپ تەرلەش ۋە مەڭزى قىزىرىش، مەيدىسى چىڭقىلىش، يۈرىكى  سېلىش، قان بېسىم تۇراقسىز بولۇش؛

4.   جىنسىي ئىقتىداردا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر: جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلەش، قايىم بولۇش دەرىجىسى تۆۋەنلەش؛

5. يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە، قوساق سېلىپ كېتىش، بوغۇملىرى ئاغرىش، سۆڭەك شالاڭشىش سەۋەبىدىن ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛

 

    « LOH » قا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۆلچىمى

 

ھازىر بۇ كېسەللىككە  دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئەندىزىسى خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە مۇكەممەللىككە ئىگە. بەدەن ئالامەتلىرى ۋە قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەرلىك ھورمون نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوزنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ، باسقۇچلۇق ھورمون تولۇقلاش داۋالىشى ئارقىلىق يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالامەتلەرنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغىلى، يەنى ياشانغانلارنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇش ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

قانداق كىشىلەر LOH قا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

تۆۋەندىكى كىشىلەر  بۇ خىل كېسەللىككە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ:

① خىزمەت تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولغانلار؛

② دىئابىت كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق سۇزۇلما خاراكتېرلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار؛

③ تاماكىنى كۆپ چىكىدىغان،ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ئەرلەر؛

④ ياشاۋاتقان تۇرمۇش مۇھىتى ئىنتايىن ناچار بولغان ئەرلەر؛

⑤ بەدەن چېنىقتۇرۇشى كەمچىل بولغان ئەرلەر؛

⑥ زىيادە سېمىز (يوغان قورساق) ئەرلەر؛

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر