باھ زەئىپلىكى بارمۇ-يوق؟ ئۆز-ئۆزىگە دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

جىنسىي مۇناسىۋەت پۈتكۈل جانلىقلارنىڭ نەسىل قالدۇرۇش ئارقىلىق ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىدا زۆرۈر بولغان بىر خىل تۇغما ئىقتىدار بولۇپ، جىنسىي ئەزالار تۆت رەئىس (باشقۇرغۇچى) ئەزالارنىڭ بىرى سانىلىدۇ. جىنسىي ئىقتىدارنىڭ نورمال بولۇش ــ بولماسلىقى بۇ تۆت رەئىس (باشقۇرغۇچى) ئەزالاردىكى قۇۋۋەتنىڭ نورمال بولۇش ــ بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەمدە باھ زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ تۈرىمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.


باھ زەئىپلىكى تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، كېسەللىكنىڭ قايسى ئەزادىكى ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇڭا، جىنسىي ئەزادىكى كېسەللىكنى داۋالىغاندا، ئەۋۋەل كېسەللىك مەنبەسىنىڭ قايسى ئەزادا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، كېسەللىكنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

باھ زەئىپلىكىنىڭ تۈرلىرى قايسى؟ بۇنىڭ ئۈچۈن نەزىرىڭىز تۆۋەندە  بولسۇن.


باھ زەئىپلىكىنىڭ تۈرلىرى

باھ زەئىپلىكىنىڭ تۈرلىرى كارغا كەلمەسلىك، ئەرلىك زەئىپلىك، جىنسىي ئالاقىنى خالىماسلىق، جىنسىي ھەۋىسى كۈچىيىپ كېتىش، جىنسىي ئەزا تولۇق ھەرىكەتكە كەلمەسلىك، تولۇق قاتماسلىق، يېرىم يولدا بوشاپ كېتىش، مەنىي ماڭسىمۇ قېتىۋېلىپ بوشىماسلىق، مەنىي بالدۇر مېڭىپ كېتىش، مەنىي تۇتالماسلىق، مەنىي ئېقىپ كېتىش، مەنىي ماڭماسلىق، مەنىي تەتۈر مېڭىش، كۆپ ئېھتىلام (چۈشىدە جىنسىي ئالاقە قىلىپ مەنىي سۇيۇقلۇقى چىقىپ كېتىش) بولۇش، قېنىپ لەززەت ئالالماسلىق، مەزى بېزى ياللۇغى، مەزى بېزى چوڭىيىپ قېلىش، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


خوش، باھ زەئىپلىكىگە قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟ نەزىرىڭىز داۋاملىق كېيىنكى بەتتە بولسۇن.


باھ زەئىپلىكىگە دىئاگنوز قويۇش

پەيدىنپەي ئېغىرلىشىپ بارىدىغان جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ سۇسلىشىشى، رىغبەتنىڭ ئازىيىشى، لەززەتلىنىشنىڭ كەم بولۇشى، قوزغىلىشنىڭ بارا ــ بارا سۇسلىشىشى ۋە پۈتۈنلەي يوقىلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ كۆپىنچە بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق، باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىشى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئاسارىتى، جىنسىي ئەزالارنىڭ مىزاجى ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى، جىنسىي ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ياكى ئۇرۇقدان زەخىملىنىشىدىن، يەنە بەزىدە مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ــ چېكىملىكلەرنىڭ تەسىرى ۋە روھىي زەربە، پسىخولوگىيىلىك ئامىللار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان باھ زەئىپلىكى كېسەللىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئەرلەردىكى باھ زەئىپلىكىگە دىئاگنوز قويۇشنىڭ (1) بىمارنىڭ بەدىنىدىكى تاشقى ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش، (2) بىمارنىڭ جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى ئىچكى ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش، دەپ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار بولۇپ، تۆۋەندە، تاشقى ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇشنى تونۇشتۇرىمىز.

باھ ئاجىزلىقىغا تاشقى ئالامەتلەرگە قاراپ ئۆز-ئۆزىگە قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟ نەزىرىڭىز كېيىنكى بەت بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.

تاشقى ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش

تۆۋەندىكى سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ ئۆزىڭىزدە باھ زەئىپلىكى بار ــ يوقلۇقىغا دىئاگنوز قويۇپ بېقىڭ:

1. تومۇرىڭىز ئىنچىكە سوقامدۇ، بەدىنىڭىز سوغۇقمۇ، ئۆزىڭىزنى ماغدۇرسىز ھېس قىلامسىز، كۆپ تەرلەمسىز، كۆز ئالدىڭىز قاراڭغۇلىشامدۇ، بېشىڭىز قايامدۇ، قۇلىقىڭىز غوڭۇلدامدۇ، جىنسىي ئىنتىلىش سۇس، ياكى يوقالغانمۇ؟

يۇقىرىدىكى ئالامەتلەر بولسا، سىزدە ئوزۇقلۇق ناچارلىقىدىن ئومۇمىي بەدىنىڭىز ئاجىزلاپ، باھ زەئىپلىكى كېلىپ چىققان بولىدۇ.

2. چىراي، تىل، كۆزىڭىز سارغۇچمۇ، ئېغىز تەمىڭىز ئاچچىقمۇ، بەدىنىڭىز قىزىقمۇ، تومۇرىڭىز تېز سالامدۇ، سۈيدۈكىڭىز سېرىقمۇ، ئېغىزىڭىز قۇرامدۇ، كۆپ ئۇسسامسىز، مەنىي ئازمۇ، ئۇيقۇ ئازمۇ؟ سىزدە بۇنداق ئالامەتلەر بولسا، سەپرا خىلىتى سەۋەبلىك باھ زەئىپلىكى كېلىپ چىققان بولىدۇ.

3. تىل، يۈز، كۆزلىرىڭىزنىڭ رەڭگى قارىغا مايىلمۇ؟ ئۇيقۇ ئازمۇ، تومۇرىڭىز ئىنچىكە سالامدۇ، ئېغىز، بۇرنىڭىز قۇرامدۇ، مەنىي ئاز ۋە قويۇق كېلەمدۇ، ئۇرۇقدان خالتىسى قىزىقمۇ؟ سىزدە يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سەۋدا خىلىتى سەۋەبلىك باھ زەئىپلىكى كېلىپ چىققان بولىدۇ.
 


4. كۆزىڭىزنىڭ ئېقى، چىرايىڭىز ئاقمۇ، تومۇر ئاستا ــ ئالدىرىماي سوقامدۇ، بەدىنىڭىز، ئۇرۇقدان سوغۇقمۇ، ئۇيقۇ كۆپمۇ، ئۆزىڭىزنى ماغدۇرسىز ھېس قىلامسىز، بېلىڭىز تېلىپ ئاغرىمدۇ، جىنسىي ئىنتىلىش سۇسمۇ، جىنسىي ئالاقىدە لەززەت يوقمۇ؟ سىزدە يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بەلغەم خىلىتى سەۋەبلىك باھ زەئىپلىكى كېلىپ چىققان بولىدۇ.

5. مەنىي ئاق ۋە سۇيۇق كېلەمدۇ، تومۇرىڭىز بوش سوقامدۇ، بەدىنىڭىز ئورۇقمۇ، ئۆزىڭىزنى ماغدۇرسىز ھېس قىلامسىز، چىرايىڭىز سارغۇچمۇ، ئىشتىھايىڭىز كەممۇ، ئۇرۇقدان سوغۇقمۇ، جىنسىي ئىنتىلىش كۈچلۈكمۇ، مۇسكۇللىرىڭىز قاتتىقمۇ، مەنىي سوغۇق، رەڭگى ئاقمۇ؟ سىزدە يۇقىرىدىكى ئالامەتلەر بولسا مەنىي ئازلىق سەۋەبىدىن باھ زەئىپلىكى كېلىپ چىققان بولىدۇ.

6. سۈيدۈك رەڭگى ئاقمۇ، ۋاراڭ ــ چۇرۇڭدىن قاچامسىز، كۆپ خىيال سۈرەمسىز، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىز تۆۋەنمۇ، كۆپ چۈش كۆرۈش، چۈشنى ئەسلىيەلمەسلىك بارمۇ، ئۆزىڭىزنى ماغدۇرسىز، روھىي چۈشكۈن ــ روھسىز ھېس قىلامسىز، ئىشتىھايىڭىز كەممۇ، ئۇنۇتقاقمۇ سىز؟ سىزدە يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، مېڭە ئاجىزلىقىدىن بولغان باھ زەئىپلىكى كېلىپ چىققان بولىدۇ.
مەنبەسى: باھ زەئىپلىكىنى ئاسان تەشخىس قىلىش ۋە قوش ئۈنۈملىك داۋالاش ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر