ئانىلارنىڭ 9 خىل ئادىتى بالىلارنىڭ مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2011/11/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: رەيھانگۈل ئىمام | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ھەرىكەت قىلمىسا مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى تەسكە توختايدۇ. ئوخشاشلا، ئەگەر ئانىلار بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم قىلمىسا، بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تولۇق تەرەققىي قىلالمايدۇ. ئادەتتە، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىشقا ياردىمى بولىدىغان توققۇز خىل ئاددى ئۇسۇل بار، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
1. مۇھەببەت
بوۋاقلار ئانا مۇھەببىتىگە ئىنتايىن موھتاج بولىدۇ، بولۇپمۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ۋە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بوۋىقىڭىز سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئىگىلىۋالماقچى ۋە ياكى سىزنى كونترول قىلىۋالماقچى ئەمەس، ئۇ پەقەتلا سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭ يىغلاشلىرىغا بولغان ئىنكاسلار ئۇنى ھەرگىز يامان كۆندۈرۈپ قويۇشقا سەۋەب بولالمايدۇ. ئەگەر سىز بوۋىقىڭىز توختىماي يىغلاۋاتقاندا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەرىكەت قوللانسىڭىز، بوۋىقىڭىز سىزگە ئىشىنىدۇ ھەم ئۆزىگە بولغان بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلغانلىقىنى بىلىپ، جىددىيلىك ھېس قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھەببەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئەگەر بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ياكى ئاي ئىچىدە كۆيۈنۈشكە ئېرىشەلمىسە، چوڭ بولغاندا ئىچ مىجەز، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ.


تەكلىپ:  بوۋىقىڭىز يىغلىغاندا ئىنكاس بىلدۈرۈڭ، يېقىملىق ئاۋاز ۋە پەپىلەشلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇنى تىنچلاندۇرۇشقا تېرىشىڭ، ئۇنىڭ يىغلاشلىرىغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلماڭ.
2. پاراڭلىشىش
بوۋىقىڭىزغا گەپ قىلغان چېغىڭىزدا ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن سىلىق تەلەپپۇزدا سۆزلەڭ،  تېز ۋە تۇتۇق ئاۋازدا گەپ قىلسىڭىز پايدىسى بولمايدۇ. ئانىنىڭ گەپلىرى بوۋاق ئاڭلاشنى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئاۋازلاردۇر... چۈنكى بوۋاق ئانا قورسىقىدا بەش ئايلىق ھامىلە ۋاقىتلىرىدىلا بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن.
تەكلىپ: ئۆزىڭىز ئەڭ ماھىر تىل بىلەن، ئىمكانقەدەر ئەڭ كۆپ سۆزلەرنى ئىشلىتىپ بوۋىقىڭىزغا گەپ قىلىپ بېرىڭ. بوۋىقىڭىزنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ، ئەگەر ھەر خىل چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلەتسىڭىز بوۋىقىڭىز سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر