رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى رادىئاتسىيەنى كۈچەيتىۋېتىش مۇمكىن

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2012/03/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ھازىرقى زامان تۇرمۇش مۇھىتىدا ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسى (电磁辐射) نىڭ زىيادە كۆپ بولغانلىقىدىن، ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن كۆپىنچىسى رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى كىيىدىكەن. ھەر خىل تىپتىكى رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىملىرىنىڭ كۆپلەپ بازارغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە. بولۇپمۇ مەركىزى شەھەرلەردە رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى ئاساسەن ھەر بىر ئائىلىدىكى بولغۇسى ئانىلار (准妈妈) نىڭ چوقۇم ھازىرلايدىغان كىيىمى بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى راستىنلا رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرىدىن ساقلامدۇ؟ ئالدىنقى كۈنى، مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمىنىڭ رادىئاتسىيەنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.


يەككە يۆنىلىشلىك رادىئاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى ئاساسلىقى مىتال تالا (金属纤维) ۋە كۆمۈش ئىئونى (银离子) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ماتېرىيالدىن ياسالغان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلار مىتال تالا 99.99% رادىئاتسىيەنى توسىيالايدۇ، كۆمۈش ئىئونى بولسا 99.9999% رادىئاتسىيەنى توسىيالايدۇ دەپ ئېلان قىلىدۇ.
مۇخبىر پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى سەۋىيەدىكى كەسىپىي ئېلېكترون تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى (专业电子检测的实验室) نى تېپىپ، بىر مىتال تالالىق رادىئاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىيىمىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، %90 رادىئاتسىيە توسۇپ قېلىنغانلىقى بايقالغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر