ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى ئاسىراش ئۇسۇلى

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/01/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بەزى ئاياللار جىنسىي يولنى پاكىزە يۇيۇپ تۇرسىلا ساغلام بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ خىل قاراش ئىلمى ئەمەس، تۆۋەندە جىنسىي ئەزا بىئاراملىقى بولغان ئاياللار ئۈچۈن بىر نەچچە تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
بىرىنچى، ئىلمان قايناقسۇدا سىرتقى جىنىسي ئەزانى يۇيۇپ بېرىش، ھەر 2-3 كۈندە بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك. دىققەت ھەر كۈنى يۇيۇشقا بولمايدۇ. ھەر قېتىم پاكىز سۇدا يۇيۇش، سۇنى قايتىلاپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئىككىنچى، جىنىسي تۇرمۇشتىكىلەر ھەر قېتىملىق جىنىسي تۇرمۇشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى تەرەپ كۆپۈيىش ئەزا تازىلىقىنى ياخشى قىلىشى، چوقۇم بىر قېتىم پاكىزە يۇيۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ھەيز دەۋرى تازىلىق قەغىزىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. تازىلىق قەغىزى تاللاشتا ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى قەغەز تاللاش كېرەك.
تۆتىنچى، ئىچ كىيىم تاللاشتا چوقۇم پاختا ماتېرىيالىدىن ئىشلەنگەن ئىچ كىيىم تاللاش كېرەك.
بەشىنچى، ئادەتتە تۇرمۇش داۋامىدا يوتقان-كۆرپىلەرنى دائىم ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
ئالتىنچى، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەن ساپاسىنى ياخشىلاش كېرەك.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر