ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/02/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسى، ھامىلىدار بولغۇچى ئەمىلىيەتتە ھەقىقىي "ھامىلىدار" بولمىغان بولغاچقا، ئۇنى ھامىلىدار دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس.(سەۋەبىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ) بۇ ۋاقىتتىكى ئايال ئاخىرىقى قېتىملىق ھەيز كېلىش دەۋرىدە بولۇپ، تۇخۇمدان ئالدىنقى ئايدا ئاجرىتىپ چىقارغان تۇخۇم تېخى ئۇرۇقلانمىغاچقا، ئۆزلۈكىدىن رودىمېنتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئاجراپ ھەيز كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئاجرىشىغا ئەگىشىپ، ھورمۇننىڭ تەسىرىدە، ئايالنىڭ تۇخۇمدېنى قايتىدىن تۇخۇم قويۇپ بېرىشكە باشلايدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇ ئايدا ھامىلىدار بولۇشنى قارار قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ قېتىمقى "ھەيز كېلىش" تە، سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزدا ئوخشىماسلىق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى، ئەگەر مۇشۇ ئايدا ھامىلدار بولۇشنى ئويلىسىڭىز، يەنە بىر قېتىم "ھەيز كېلىش" سىزنىڭ بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئىككى قېتىملىق ئىمىتىش ۋاقتىدىن ھالقىپ كېتىشتەك "ئاۋارىچىلىق" قا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن توغرا كېلىدۇ. تەخمىنىي ھېسابلىساق، ئالاھەزەل بىر يېرىم يىلدىن كېيىنكى ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ھەيز دەۋرىگە سەل قاراشقا بولامدىكەن؟


يەنە بىر مۇھىم سەۋەب: تۇخۇم چىقىرىش ھەيز دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىدا يۈز بېرىدۇ، بىر پىشىپ يېتىلگەن تۇخۇم سىزنىڭ گېن ئۇچۇرىڭىزنى ئېلىپ يۈرگەن بولىدۇ، تۇخۇمداندىن چىقىرىلىپ، بالىياتقۇغا قاراپ ھەرىكەتلىنىدۇ. سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ئۇنىڭ "ساياھىتى" گە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، كەيپىياتىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، ئۇنىڭغا تەبئىي كەيپىيات بىلەن يۈزلىنىڭ، بىلىشىڭىز كېرەككى، ھەر بىر بوۋاقتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئاجايىپ ياخشى مۇناسىۋىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسى نېمە يېيىش كېرەك؟ قېنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر