ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسى چوقۇم قىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلار

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/02/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بىرىنچى، ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش ۋاقتىنى ھېسابلاش
بۇ سۇ كەلگۈچە توغان سالىدىغان خىزمەت بولۇپ، سىزنىڭ ئاشۇ ئەڭ مۇھىم ۋاقىت ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ھامىلىدار بولۇش ۋاقتىنى ھېسابلاش بولسا تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىنى مۆلچەرلىك ھېسابلاش بولۇپ، بۇنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئاساسىي تېمپىراتورا ئۇسۇلى. ھەر كۈنى ھەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماي، تېرمومېتىر ئارقىلىق تېمپىراتورىڭىزنى ئۆلچەڭ. بىر ئايدىكى تېمپىراتورىڭىزنى بىر ئەگرى سىزىقلىق گرافىكتا ئىپادىلەپ چىقىپ، ئاساسى تېمپراتۇرا جەدۋىلى تۈزۈك. ئومۇمەن تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىدا تېمپىراتورا تەخمىنەن 0.3-05 سىلسىيە گرادۇس يۇقىرى بولىدۇ. ئاساسى تېمپىراتورا جەدۋىلىگە ئاساسەن، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە پىلانلىق ھالدا ئۇرۇقلىنىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىگەللەنگەن ۋاقىتنىڭ توغرىلىق نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا، ھەيز دەۋرىگە ئاساسەن تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىنى ھېسابلاش. ئىلمى ھامىلىدار بولۇش مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.


ئىككىنچى، تۇرالغۇنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش
ياخشى بولغان تۇرالغۇ مۇھىتى شۇ مۇھىتتا ياشىغۇچىغا خۇشال كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ-دە، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ھامىلىدارلىق بولماقچى بولغان سىزگە نىسبەتەن، بۇ تېخىمۇ مۇھىم. ئائىلە سايمالىرىنىڭ بېزەكچىلىكىدە بۇلغانغان جاي بارمۇ يوق، تۇرالغۇ ئەتراپىدا شاۋقۇن بارمۇ يوق دېگەن مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى ئۆينىڭ تېگىدىكى گىلەمنى ئېلىۋېتىش بىلەن بىرگە، توك گىلىمى ئارقىلىق ئىسسىنماسلىق كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر