ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنقى 2 ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/02/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 09 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش ۋاقتىنى تېپىش
ھامىلىدار بولۇش مەزگىلىنى ھەر كىم ئۆز بەدىنىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، بەدىنىدىكى ئۆزگىرىش قائىدىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئەڭ ياخشى مەزگىلنى تاللاپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، يېپيېڭى تۇخۇم ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان ئۇرۇقنى بىرلەشتۈرۈپ ھامىلدار بولۇش كېرەك. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدىنقى 2-3 كۈنى ۋە تۇخۇم چىقىرىشنىڭ كەينىدىكى 1-2 كۈندە ئەڭ ئاسان ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇخۇم چىقىرىلىپ 20 سائەتتىن كېيىن قېرىشقا باشلايدۇ، ئىسپىرما يەنى ئۇرۇقنىڭ بولسا 48 سائەت ئىچىدە تۇخۇم بىلەن قوشۇلۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، سىزگە تەكلىپىمىز ئەڭ رومانتىك ئەڭ قىزغىن جىنسىي تۇرمۇشنى ئاياللار تۇخۇم چىقىرىپ 2-3 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
2. ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش مۇھىتىنى ھازىرلاش كېرەك
ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش مۇھىتى بولسا، ئۆينىڭ ھاۋاسى ساپ، ئىككەيلەننىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان ئەھۋالدا، سىز ۋە جورىڭىز ئىككەيلەن مۇھەببەتلىك بىرلەشكەندە، ئورتاق جىنسىي تۇرمۇشتىن ھوزۇرلانغاندىكى مۇھىتتۇر. ئامېرىكىدىكى داڭلىق جىنسىيەت ئىلمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىسپاتلىشىچە: ئاياللار جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ئاسان ھامىلەدار بولىدىكەن، ھەمدە سۈپەتلىك تۇغۇشقا ياردىمى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل تۇغۇلۇش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
3. ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك
ئالدىنقى مەزمۇندا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنقى بىرىنچى، ئىككىنچى ھەپتىسىدە ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ياكى پىشمىغان گۆش دېگەنلەر بىلەن قەتئىي يېقىن ئۇچراشماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كىچىك قۇرت بولسا، بۇلار ھامىلىنىڭ غەيرى يېتىلىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئەرمەك ھايۋانلاردىن يىراق تۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر