دىيارىمىز ئاياللىرىدا ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇش ئەدەپ قالماقتا

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/03/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ھازىر، «ئۆزىڭىز تۇغامسىز ياكى بالىياتقۇنى يېرىش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرۇپ تۇغۇشنى ئويلاۋاتامسىز؟ ... »،-بۇ سوئال ئاز بولمىغان تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللارنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى خادىملىرىنىڭ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى ۋە ئۈرۈمچى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن ئەمەلىي ئەھۋال ئىگىلىشىچە، خېلى كۆپ ساندىكى كۆزى يۇرۇش ئالدىدىكى ئىككىقات ئاياللار ئۆزى تۇغۇشنى ئىنتايىن جاپالىق، فىگورىنىڭ ئەسلىگە قايتىشى ئاستا، ھەتتا ئانا-بالىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيىنى بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇشنى تاللىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئاز ساندىكى ئېغىرئاياغ ئاياللار بولسا تەبىئىي تۇغۇت ئانا-بالىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق، شۇڭا يەنىلا تەبىئىي تۇغۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

 


دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇش نىسىبىتى %46.2 گە يەتكەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلىدىغان نىسبەتتىن 3 ھەسسىدىن ئارتۇقراق ئېشىپ كەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، سەھىيە تارماقلىرى ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇشنىڭ «قىزىتمىسى» نى چۈشۈرۈشكە كۆپ ئورۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.
مۇناسىۋەتلىك كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇشنى تاللايدىغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سانى ئىزچىل ئېشىۋېتىپتۇ. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەبنى دوختۇرخانا، بىمار ۋە جەمىيەتتىن ئىبارەت 3 تەرەپتىن تەڭ ئىزدەش كېرەك ئىكەن. يەنى، ئاز ساندىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالاش خادىملىرى ئىقتىسادىي كىرىم قوغلىشىپ، تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللارغا ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتنى تەۋسىيە قىلىش، تۇغۇت سەللىمازا قىيىنلاشقان ھامان ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەش ئەھۋالى مەۋجۇد ئىكەن. چۈنكى، بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتىدىن كىرگەن كىرىم، تەبىئىي تۇغۇتقا قارىغاندا 2 ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن. بۇندىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللاردا تەبىئىي تۇغۇت شارائىتى تولۇق تۇرۇپمۇ، ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتنى تەلەپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ ئىكەن. دوختۇرلار تەبىئىي تۇغۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە خىزمەت ئىشلىگەن تەقدىرىدىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم ھامىلىدار ئاياللار تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ سەۋەبلەر ئاساسلىقى، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق ئازابىدىن قورقۇش، تۇغۇت جەريانىدا كۈتمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ ئانا-بالىنىڭ ساقلىقىغا تەسىر يېتىش، بەدەن فىگورىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەتتا، بىر قىسىم كىشىلەر پەرزەنتىنىڭ قۇتلۇق بايرام، ئالاھىدە كۈنلەردە تۇغۇلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، مەلۇم پەيتنى تاللاپ ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد ئىكەن.

 

ئۇنداقتا، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ قانداق نۇقسانلىرى بار؟ بىلمەكچى بولسىڭىز كېيىنكى بەتكە قاراڭ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار