ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدىكى ئاياللار تېنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى | ۋاقتى: 2012/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 09 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدە كۆپ مىقداردا ھورمۇن شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ بەدىنىگە ماسلىشىشى ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىدۇ، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلىدار ئاياللاردا ئاز-تولا بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. يەنى كۆپ قىسىم ئاياللاردا كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، كۆكسى چىڭقىلىش، چارچاش ھېس قىلىش ۋە كۆپ سىيىش قاتارلىقلار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پۇراش سەزگۈسى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىپ، ھاراق ، تاماكا پۇرىقىدىن بېزار بولىدىغان، كافېي قاتارلىق ئىچىملىكلەردىن زېرىكىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە ئانچە ئۇيقۇ خالاپ كەتمەيدىغان ئانا بولغۇچى سىزمۇ بۇ مەزگىلدە «ياستۇققا بېشىڭىزنى قويسىڭىزلا كۆتۈرەلمەيدىغان» بولۇپ قالىسىز، ئەنسىرىمەڭ! بۇنىڭ ھەممىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاجرىلىپ چىققان ھورمۇننىڭ سەۋەبىدىن بولۇپ، بۇ خىل ھورمۇن ئادەم بەدىنىگە خۇددى ناركوز ئوكۇلىدەك تەسىر قىلىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەرىكىتىنى ئازراق ئاستىلىتىدۇ.
 


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلىدارلىقنىڭ 5- ھەپتىسىدە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ، ئاسانلا جىددىيلىشىدىغان، خاتىرجەمسىزلىنىدىغان، بەزىدە سەۋەبسىزلا يىغا تۇتىدىغان، تۇرۇپلا ھاياجانلىنىدىغان، مەغرۇرلانغۇسى كېلىدىغان، تۇرۇپلا يەنە بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرىنى ھورمۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بەزىلىرى كونكرېت ئەھۋاللاردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۆزىمىز ئەزەلدىن باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بۇ خىل جەريانغا دۇچ كەلگەندە بىزنىڭ ئاز-تولا جىددىيلىشىشىمىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ئەلۋەتتە، ئامراق يولدىشىڭىز ۋە دوستلىرىڭىز بىلەن سەمىمىي پىكىرلىشىپ كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ بەرسىڭىزلا بۇ خىل پىسىخىكىلىق ھالەتتىن ناھايىتى تېزلا قۇتۇلۇپ، ئازادە بولۇپ قالىسىز.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر