ھامىلىدارلىقنىڭ 5- ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى | ۋاقتى: 2012/04/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 09 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. تۆرەلمىنى ئاسراپ رادىئاتسىيەدىن يىراق تۇرۇش
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 2 ئېيىدا، ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدىكى بوۋاقنى ھامىلە دېگەندىن كۆرە تۆرەلمە ياكى تۆرەلمە بىخى دېگەن تۈزۈك. تۆرەلمە دېگىنىمىز ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ بۆلۈنۈپ يېتىلىش مەزگىلىدۇر، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن ئامىللار تۆرەلمىنىڭ غەيرى يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن، نۇرغۇن بالىلارنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىشى دەل مۇشۇ تۆرەلمە مەزگىلىدە كۆرۈلگەن بەزىبىر خاتالىقلاردىن بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 4- 5-ھەپتىسى ئارىلىقىدا، يۈرەك ۋە قان تومۇر سىستىمىسى ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدىغان ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار ئاياللار رادىئاتسىيە مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇشى، X نۇرى ۋە باشقا نۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.

2. سېزىكلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ
نۇرغۇن ئانا بولغۇچىلار مۇشۇ ھەپتىسىدىن باشلاپ كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق بىئاراملىقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئىشتىھاسى ناچارلاپ تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ. hCG مىقدارىنىڭ يۇقىرىلىشى بىر سەۋەب بولسا، يەنە بىر سەۋەب بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، تۆرەلمە ھالەتتىكى بوۋاقنىڭ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ دۇنياغا تۆرەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى ئاياللاردا بېشى قېيىش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇسى كېلىش، جىددىيلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 12-14-ھەپتىلىرىگىچە داۋاملىشىپ بارا-بارا يوقاپ كېتىدۇ، بەزى ئاياللاردا پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە داۋاملىشىدۇ.

3. يوپۇرماق كېسلاتاسى تولۇقلاپ بوۋىقىڭىزنىڭ نىرۋا سىستىمىسنىڭ كەمتۈك بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش
ھامىلىدارلىقنىڭ 5- ھەپتىسىدىن باشلاپ، ھامىلىنىڭ نىرۋا سىستىمىسى ۋە مىتابولىزىم سىسىتىمىسى بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن، بۇ مەزگىلدە يوپۇرماق كېسلاتاسى (叶酸) تولۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يوپۇرماق كېسلاتاسى يېتىشمىسە، ھامىلىنىڭ نىرۋا سىستىمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يېرىق بولۇش ياكى مېڭىسى يوق بولۇپ قېلىش قاتارلىق غەيرى تۆرەلمىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھامىلىدار ئايالنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە توسالغۇ شەكىللىنىپ، زور گۆدەك ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق (巨幼红细胞贫血) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر