ھامىلىدار بولۇشنىڭ جەريانى قانداق بولىدۇ؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ھامىلىدار بولۇش ئۇرۇقلىنىش، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يېتىلىشى، يۆتكىلىشى ۋە تۈرلىشىشى قاتارلىق فىزىيولوگىيەلىك جەريانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئايالنىڭ تۇخۇمدىندىكى  تۇخۇم تەرەققىي قىلىپ يېتىلگەندە ئاندىن ھەيز كېلىدۇ. بىر قېتىملىق ھەيز مەزگىلىنىڭ 14-كۈنى ئەتراپىدا بىر تۇخۇم چىقىرىلىدۇ، تۇخۇم تۇخۇمداندىن قورساق بوشلۇقىغا چىقىرىلغاندا دائىم تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىگە ئېغىزنىڭ يېنىغا چۈشىدۇ. تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى تۇخۇمنى نەيچە ئىچىگە سۈمۈرۈپ ئەكىرىدۇ. ئەگەر تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە ئەر - خوتۇنلار بىر يەردە بولسا ئىسپېرما جىنسىي يول، بالىياتقۇ بوينى، بالىياتقۇ بوشلۇقى ئارقىلىق تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىنىڭ  ئامپۇل قىسمىغا كىرىپ تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان ئىسپېرمىلار بۇ تۇخۇمنى چۆرىدەيدۇ. ئىسپېرمىنىڭ باش قىسمىدا چوققا تەنچە فېرمېنتى ئايرىلىپ چىقىپ، تۇخۇم ئەتراپىدىكى نۇر چېچىش تاجىسى ۋە سۈزۈك بەلۋاغنى ئىرتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىردانە ئىسپېرما بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرلىشىش جەريانى ئۇرۇقلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن تۇخۇم ئۇرۇقلانغان تۇخۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يېڭى تۆرىلىدىغان جاننىڭ تۇنجى ھۈجەيرىسى بولىدۇ ھەم داۋاملىق تۈردە ھۈجەيرىلەر پارچىلىنىدۇ. ئۇرۇقلىنىپ تەخمىنەن تۆت كۈندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ ئىچىگە يۆتكىلىدۇ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ بوشلۇقى ئىچىدە ئاجرىلىپ چىقىپ،  تەخمىنەن سەككىز كۈندىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كىرىشكە باشلايدۇ. بۇ جەريان تورلىشىش ياكى ئورۇنلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئورۇنلاشقاندىن كېيىن بالىياتقۇ بوشلۇقىدا تۆرەلمىگە ئايلىنىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ. مانا بۇ، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئاددىي قائىدىسىدۇر.  تەخمىنەن 280 كۈن بولۇپ ( كىلىنىكىدا ئەڭ ئاخىرقى ھەيزنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ھامىلىدارلىق باشلانغان دەپ ھېسابلاپ ھېسابلاشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن 280 كۈن دېيىلگەن) تەرەققىي قىلىش، تۆرەلمە پىشىپ يېتىلىش، ئانىنىڭ بالىياتقۇسى قىسقىراش،  ئارقىلىق كۆزى يورۇپ يېڭى بىر ھاياتلىق دۇنياغا كېلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر