ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقاشقا بولامدۇ؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  كۆرۈنمەس كۆزئەينەك كۆز مۈڭگۈز پەردىسى ئۈستىگە سېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ كۆزنىڭ فوكۇسىنى تەڭشەيدۇ.كۆز قارىچۇقى ھەرىكەتلەنگەندىكى ياش ئارقىلىق مۈڭگۈز پەردىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ماددا ئالمىشىش جەريانىدىكى چىقىرىندىلارنى چىقىرىۋېتىدۇ.ھامىلىدارلىق باسقۇچىدا بەدەن ئېغىرلىقى ئون بىر كىلوگىرام ئاشىدۇ ھەمدە بەدەندە تەخمىنەن 6.5لىتىر سۇ تەركىبى بولىدۇ.كۆز مۈڭگۈز پەردىسىدە%70 سۇ تەركىبى بولىدۇ. شۇڭا كۆز مۈڭگۈز پەردىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى سۇ تەركىبىنى ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان ئەزا ھېسابلىنىدۇ.
   تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ،ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن ئۈچ پىرسەنت ئاشىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ سەزگۈرلۈكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەنلەيدىكەن ھەم كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ رادىياتسىيەسى ۋە كۆز قارىچۇقىنى قوغداش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.بۇ خىل ئەھۋال تۇغۇتتىن كېيىنكى ئالتە ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە بولغان جەرياندا ئەسلىگە كېلىدىكەن. شۇڭا، ھامىلىدارلار كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقاش قېتىم سانى ۋە تاقاش ۋاقتىنى ئازايتىشى، بولۇپمۇ ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا كۆرۈنمەس كۆز ئەينەك تاقىماي، ئادەتتىكى كۆزئەينەك تاقىشى كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر