بوۋاقلارغا يۆتەل توختىتىش دورىسى بەرسە بولامدۇ؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  يۆتىلىش بوۋاقلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى.بوۋاقلارنىڭ كانايچە شىللىق پەردىسى ئىنتايىن يۇمران، سىرتقى دۇنيادىكى كېسەللىك باكتېرىيەلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا نەپەس يولى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يۆتىلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. يۆتەل ئادەم بەدىنىگە بولغان بىرخىل قوغدىنىش خاراكتېرلىك رېفلېكس، نەپەس يولىدىكى مىكروب ۋە بەلغەملەرنىڭ ھەممىسى يۆتەل ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ-دە ، نەپەس يولىنى پاكىزلاش ھەم راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
  ئەمما ، بەزى تۇنجى ئانا بولغۇچى ئاياللار بالىسى ئازراق يۆتىلىپ قالسىلا ،ئالدىراپ- تېنەپ ھەرخىل يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنى ئىچۈرىدۇ. يۆتەل توختىتىش دورىلىرى ئادەم بەدىنىدە ھەزىم بولغاندىن كېيىن، تېزلىكتە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئىگە يۆتەل توختىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ.بۇ خىل ئۇسۇل گەرچە ۋاقىتلىق يۆتەل توختاتقىنى بىلەن، نۇرغۇن كېسەللىك مىكروبلىرى ۋە بەلغەملەرنىڭ نەپەس يولىغا يىغىلىپ قېلىپ، يۇقۇملىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئېغىر بولغاندا ، بوۋاقلاردا دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش ھەتتاكى ئۆپكە كېرىلەلمەسلىك ، يۈرەك پائالىيىتى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
  شۇڭا، بوۋاقلارنىڭ يۆتىلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاشتىن ئىلگىرى، ھەرگىز قالايمىقان دورا بەرمەسلىك كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر