بوۋاق ئانا سۈتىدىن زېرىكسە قانداق قىلىش كېرەك

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دەسلەپكى ئىككى -ئۈچ ئايدا ئانا سۈتىنى ياخشى ئېمىدۇ، بىراق تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئانا سۈتىنى ياخشى ئەممەيدۇ. بالىنىڭ تەم سەزگۈسىنىڭ تەدرىجى شەكىللىنىشى يۇقىرىقى ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. تەم سەزگۈسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، بوۋاق تەدرىجى تەمىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان ئانا سۈتىدىن بىزار بولۇپ، يېڭىچە تەملىك نەرسىلەرنى يېيىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن ئارتۇقچە غەم قىلماسلىقى، بالىنى ئانا سۈتىنى ئېمىشكە مەجبۇرلىماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، بالىدا سۈت ئىچىشتىن قورقۇش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى نورمال بولسا، ئۇنىڭ سۈت ئىچمەسلىكىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. ئاتا-ئانىلار بۇنداق ئەھۋالدا بالىغا سۈت بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، يەنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم بېرىشنى ئادەت قىلىشى لازىم. سۈت بىلەن شەربەت قاتارلىقلارنى قوشۇپ، بالىنىڭ ئوخشاشمىغان تەمدىكى نەرسىلەرنى يېيىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر