بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى - ئويۇن ئويناش

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: 珍贵的第一年 | ۋاقتى: 2011/09/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ي. م. ئىلقۇت | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئويۇن ئويناش بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئائىلىدىكىلەر بالا بىلەن ئويۇن ئويناش ئارقىلىق بالىنىڭ ھەر تەرەپتىن ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.
a. دەسلەپكى بىر قانچە ئايدا، بالىنىڭ كارىۋىتى ئۈستىگە بەزى چىرايلىق بولغان ئويۇنچۇق ياكى رەسىملەرنى ئېسىپ قويغاندا، بۇ مۇزىكا چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقلار، رەسىم قاتارلىقلار بالىنى تىنچلاندۇرۇپ، بالىنىڭ ياخشى كەيپىيات ساقلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
b. ئايلىق بولغان بالىغا شالدىراق قوڭغۇراق (مەخسۇس بوۋاقلار ئوينايدىغان) نى تۇتقۇزۇپ قويغاندا، بالىنىڭ كۆزى ۋە قول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.
c. ئاۋاز چىقىرىدىغان ۋە ھەرىكەتلىنىدىغان ئويۇنچۇقلارنى بالىنىڭ پۇتى يىتىدىغان جايغا ئېسىپ قويغاندا، بالىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پۇتى ئارقىلىق ئويۇنچۇقنى ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، بالا پۇتىنى بۇ ئويۇنچۇققا تەگكۈزگەندە، ئويۇنچۇق ئاۋاز چىقارسا بالا ناھايىتى خۇشال بولىدۇ ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشىدۇ. بۇ بالىنىڭ پۇت-قولى ۋە كۆزىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشىغا پايدىلىق.


d. يېرىم ياشتىن ئاشقا بالا ئويۇنچۇقنى يەرگە تاشلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئويۇنچۇقنى يەرگە تاشلىغاندا چىققان ئاۋاز بالىنى ئۆزىگە تارتىپ بالىنى خۇشال قىلىدۇ.
e. يېرىم ياشتىن ئاشقا بالا مۆكىمۆكىلەڭ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. چوڭلار قولىغا رەخت ئېلىپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىپ ئاندىن يەنە رەختنى ئېلىپ ئاندىن يەنە ئويۇنچۇقنى يۆگەپ يەنە ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئويۇنلار بالىدا يېڭى بايقاشلارنى پەيدا قىلىدۇ.


f. ئەينەككە قاراش. ئەينەككە قاراش جەريانىدا، بالا ئۆزى ۋە باشقىلارنى تونۇيدۇ. بۇ بالىنىڭ ئۆزىنى تونۇشىدا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتلەر بالا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
a. ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتلەر بالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئىللىق قۇياش نۇرى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
b. بالا بىر ئايلىق بولغاندىن كېيىن، سىرتتىكى ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق بولسىمۇ لېكىن ھەر كۈنى بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ مۇۋاپىق سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر