ھامىلدار ئاياللار دائىم تەشۋىشلەنسە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
                                                                                                                                                                                                                                                                                                         سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىنگاپورنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدارلار دائىم تەشۋىشلەنسە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە، شۇنداقلا ھامىلىنىڭ كەلگۈسىدىكى كەيپىياتى ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى توققۇز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 1176 بوۋاقنى تەشۈرگەن بولۇپ، ئانىلار ھامىلدار مەزگىلىدە دائىم تەشۋىشلەنسە، بالىنىڭ مېڭە پوستى نېپىزلەپ كېتىدىكەن، بۇ ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە زور تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇڭا ھامىلدارلار دائىم خۇشال كەيپىياتنى ساقلىشى، ئۇيقۇسىزلىق، روھسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك ئىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر